تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدىكى «مۇھىم بىر تەرەققىيات» دەپ قارايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باياناتىدا: «پۈتۈن دۇنيا ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتقان بۇ خەۋەرنىڭ رايونىمىزدا مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ تىكلىنىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كېلىشىمگە رەسمىي ئىمزا قويۇلىدىغان كۈنگىچە بولغان جەرياندا جىددىيچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان سۆز-چۆچەك، تەھدىت ۋە ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش، شۇنداقلا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بۇزغۇنچىلىقلارغا قارىتا ھوشيار بولۇش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن. بۇ نەتىجىگە ئېرىشىشتە ئاۋۋال ئامېرىكا ۋە ئىران رەھبەرلىرىگە، ئاندىن ئالاھىدە ۋاسىتىچىلىك تىرىشچانلىقى كۆرسەتكەن پاكىستانغا رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ بۇ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قوللىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىمەن. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رايونىمىزدا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكنى ئورنىتىشقا قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى قوللاشقا، دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىلىرىگە تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.















