سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي جىددىيچىلىكتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

دۇجاررىك: «باش كاتىپ يېقىنقى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋە دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان ھەربىي جىددىيچىلىكتىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا» دېدى. ئۇ يەنە كىرىزىسنىڭ پۈتۈن رايون دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، سودا سىستېمىلىرىغا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە، قاتناش تەننەرخىگە، شۇنداقلا مەزكۇر رايون دۆلەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى جايلاردا يېقىلغۇ بىلەن ئاساسلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«باش كاتىپ بولۇپمۇ ئىراندا قۇرۇلۇۋاتقان بىر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە بىر سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملاردىن، شۇنداقلا رايون مىقياسىدا كۇۋەيت ۋە باشقا جايلاردىكى ئېنېرگىيە پونكىتلىرى بىلەن سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.»

گۇتېررېسنىڭ «بۇ خىل ھۇجۇملارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىكەنلىكىنى ۋە دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى» بىلدۈرگەنلىكىنى يەتكۈزگەن دۇجاررىك: «باش كاتىپ، بۇ توقۇنۇشنىڭ ھەربىي ھەل قىلىش چارىسى يوقلۇقىنى تەكرارلايدۇ ۋە تىنچ، دائمىي بىر ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىش چاقىرىقىدا بولىدۇ» دېدى.

باياناتچى دۇجاررىك، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشىمنىڭ، ھورمۇز بوغۇزى ۋە ئەتراپىدىكى خەلقئارالىق قاتناش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
پاكىستان بىلەن قاتار ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
خەلىل ئەل ھەييە ھاماسنىڭ يېڭى سىياسىي بىيۇرو رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: قىبرىس تۈرك خەلقىنى ھەققانىي كۈرىشىدە ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز
تۈركىيە ش ق ت ج نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئۆزتۈركلەر: بىر خەلقنى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلاپ تۇرۇپ، تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ
فىدان تەرەپلەرنى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە تېزدىن قايتىشقا چاقىردى
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ھورمۇز بوغۇزى بىخەتەر ئەمەس
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى