ۋېنېسۇئېلا مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى رودرىگۇئېس ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن مەزكۇر دۆلەتتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ھەمبەھىرلىدى.
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ 3 مىڭ 342 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان رودرىگۇئېس، ئاپەتتە يارىلانغانلار سانىنىڭ 16 مىڭ 740 ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
رودرىگۇئېس خارابىلىك ئاستىدىن بۈگۈنگە قەدەر 6 مىڭ 462 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، 17 مىڭ 345 كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىنى ۋە 79 ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنى تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
دائىرىلەرنىڭ 86 مىڭ 794 ئائىلىگە ياردەم يەتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالغان رودرىگۇئېس، 9 مىڭ 585 توننا يېمەكلىك ۋە 669 مىڭ 8 لىتىر سۇنىڭمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
رودرىگۇئېس ئارمىيە ۋە ساقچىلاردىن بولۇپ جەمئىي 29 مىڭ 567 كىشىنىڭ نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، جەمئىي پىدائىيلار سانىنىڭ بولسا 27 مىڭ 482 ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
يەرلىك تاراتقۇلاردا بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار يوقالغانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بىر قىزىق لىنىيە ۋە رەقەملىك سۇپا تەسىس قىلغان بولسىمۇ، ئاقىۋىتى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ سانىغا ئائىت يېڭىلانغان ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىمىگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، يوقالغان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىلتىماس قىلالىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان «ۋېنېسۇئېلا يەر تەۋرەش قۇربانلىرى» ناملىق خەلقئارالىق پۇقراۋى تەشەببۇس تور بېكىتىدە، بۈگۈنگە قەدەر 31 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۈچۈن يوقىلىش مەلۇماتى بېرىلگەن.
















