بۇ ئەھۋال ئومۇمىي كېڭەش زالىنىڭ چوڭ بىر قىسمىنىڭ بوش قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
نېتانياھۇ پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزىنى باشلىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە پۈتكۈل رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلق بىلدۈرگەن تەخمىنەن 70 دۆلەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى زالىدىن ئايرىلدى ياكى ئورۇنلىرىنى بوش قويۇپ قويدى.
نېتانياھۇ مۇنبەرگە يۈزلەنگەندە ئونلىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى زالدىن كوللېكتىپ ھالدا چىقىپ كەتتى. بەزى دۆلەتلەر كەينىدە پەقەت بىرلا ۋەكىلنى ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك بىر دىپلوماتنى قالدۇرغان بولسا، بەزىلىرى سۆز قىلىش يىغىنىغا ھېچ قاتناشمىدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە، پەلەستىن، پاكىستان، تۇنىس، سۈرىيە، ئالجىرىيە، يەمەن، مىسىر، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، ئىران، قاتار، لىۋان، مالايسىيا، ھىندونېزىيە ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى نارازىلىق بىلدۈرۈشكە قاتناشقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئىسپانىيە، بىرازىلىيە، پېرۇ، كۇبا، نىگېرىيە، گانا، لىۋىيە، باڭلادېش، ئافغانىستان، ئومان، نىگېر، ماداغاسقار، بوتسۋانا، باھامالار، ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا شۇنداقلا يېشىل بۇرۇن ئاراللىرى (كابو ۋېردې) دىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭمۇ زالدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ياكى يىغىنغا قاتناشمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە قارشى نارازىلىق
تىلغا ئېلىنغان نارازىلىق؛ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە ۋە لىۋان بىلەن سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىغا قارىتىلغان، ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان خەلقئارالىق تەنقىدلەرنىڭ دەل مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى.
نېتانياھۇ توغرىسىدا يەنە، غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2024-يىلى نويابىردا چىقىرىلغان بىر تۇتۇش بۇيرۇقىمۇ مەۋجۇت.

بەزى غەربلىك ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى زالدا قالدى
بارلىق ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى نارازىلىققا قاتناشمىدى. ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئارگېنتىنا، ۋېنگىرىيە (ماجارىستان)، سېربىيە، ئۇكرائىنا، چېخ ۋە گىرېتسىيە ۋەكىللىرى نېتانياھۇنىڭ نۇتۇقى جەريانىدا زالدا قالدى.





















