ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە پەيشەنبە كۈنى غەززەنىڭ شىمالىدىكى بەيت لاھىيە رايونىدا بىر ئۆينى بومباردىمان قىلدى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ سەھىيە مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بىلدۈرۈشىچە، بەيت لاھىيە تۈرى رايونىدا ئەھمەد ئائىلىسىگە تەۋە ئۆينىڭ نىشان قىلىنىشى نەتىجىسىدە تۆت كىشىنىڭ جەسىتى غەززە شەھىرىدىكى شىفا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ھۇجۇمدا يەنە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان، بىرنەچچە كىشى خارابىلىك ئاستىدا يوقاپ كەتكەن.
پەلەستىن رەسمىي ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە بىرونېۋىكلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى جەبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىدا يۆتكىلىپ كەلگەنلەر پاناھلىنىۋاتقان ئورۇنلارغا ۋە چېدىرلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەنە لاگېردىكى كامال ئادۋان دوختۇرخانىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىنىمۇ بومباردىمان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى خان يۇنۇس دېڭىز ساھىللىرىغا ۋە غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ شەرقىگە ھۇجۇم قىلغان.
مەزكۇر ھۇجۇملار ئىسرائىلىيەنىڭ 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، 174 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى. بۇ ئۇرۇش غەززەنىڭ پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلدى ياكى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى.
















