ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن «ئەل جەزىرە» (Al Jazeera) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىدىن پەقەت ئىككىسىنىڭلا ئوچۇق تۇرۇشىنى، قالغانلىرىنىڭ بولسا تاقىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۈسەيىن ئىراقنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختاىلىپ، تېھران ھۆكۈمىتىگە دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىققا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ئەمما دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
رايوندا ئۇرۇشنىڭ قايتىدىن باشلىنىش ئېھتىماللىقى
رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان ھۈسەيىن، نۆۋەتتىكى شارائىتلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۇرۇشنىڭ قايتىدىن باشلىنىش ئېھتىماللىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان نېفىت ئېكسپورتىنىڭ توختاپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئىراقنىڭ تەخمىنەن 60 مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى يەتكۈزگەن ھۈسەيىن، ئامېرىكا ۋە ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەردىن كېيىن نېفىت توشۇشنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىراق، سۈرىيە چېگراسىدا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ھۈسەيىن سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش دائىرىسىدە ئىراق، سۈرىيە، ئىيوردانىيە ۋە تۈركىيەنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۆت تەرەپلىك بىر كومىتېت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھۈسەيىن ئىراقنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا دائېش مەنسۇپلىرىنىڭ دۆلەتكە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى زەربە بېرىش مەقسىتىدە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چېگرا خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ دۆلىتىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.


















