خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
قاتىل نېتانياھۇغا قارشى پارلامېنتتا كۈچ بىرلىكى
ياشار (Yashar) پارتىيەسى رەھبىرى گادى ئېيسېنكات ئەرەب پارتىيەلىرىنىڭمۇ قوللىشى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن پارلامېنتتىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى قاتىل نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى دەرھال ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
قاتىل نېتانياھۇغا قارشى پارلامېنتتا كۈچ بىرلىكى
قاتىل نېتانياھۇغا قارشى پارلامېنتتا كۈچ بىرلىكى

ئېيسېنكات پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «سانلارغا قەيەردىن قارىسىڭىز قاراڭ، 500 مىڭدىن ئارتۇق بېلەت پەرقى بىلەن ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭ كۆپ قىسمى 7-ئۆكتەبىر ۋە ھەربىي خىزمەتتىن قاچقانلار ھۆكۈمىتىگە قارشى، ئۆزگىرىش تەرەپدارى بولۇپ بېلەت تاشلىدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

سايلام نەتىجىلىرىنىڭ نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى نۆۋەتتىكى ئاشقۇن ئوڭچىل ھۆكۈمەت ئالدىدا ئۆزگىرىش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئېيسېنكات، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھازىر ئەرەب پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن پارلامېنت كۆپ سانلىق ئورنىنى دەرھال ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشلىتىشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياشار پارتىيەسى رەھبىرى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئالدىنقى كۈنتەرتىپلىرىنىڭ 7-ئۆكتەبىرگە ئالاقىدار دۆلەتلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش، ئۇلترا ئورتودوكسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەجبۇرىي ئەسكەرلىك تۈزۈمى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ «مۇستەقىل ئەدلىيەگە زەربە بېرىش» دەپ سۈپەتلىگەن ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى بىكار قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئېيسېنكات ئىسرائىلىيە پۇقراسى پەلەستىنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رائام پارتىيەسى ۋە ئورتاق تىزىملىكنىڭ قوللىشى بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇش ئېھتىماللىقىغا ئوچۇق ئىشىك قالدۇردى، ئەمما ئىسرائىلىيەنى يەھۇدىي دۆلىتى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش، ئىسرائىلىيە مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ قىممەت-قاراشلىرىغا سادىق قېلىش ۋە ھاماسنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشنى شەرت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا مۇداخىلە قىلىش ئھېتىماللىقى تەرەپكىمۇ ئىشارەت قىلغان ئېيسېنكات: «ئىسرائىلىيەنىڭ كېيىنكى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلىشىىغا ئالاقىدار قارار، ھەر قانداق بىر سىرتقى مۇداخىلە ياكى ھىيلە-مىكىرسىز، پەقەتلا ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا تەۋەدۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتى ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىغا يېقىن مەنبەلەرگە ئاساسلانغان خەۋىرىدە، تىرامپنىڭ ئىسرائىلىيە سايلىمىدىن كېيىن نېتانياھۇغا ئۆكتىچىلەر بىلەن دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىغا دائىر دەۋانى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ئىسرائىلىيەدىكى سايلاملارغا ئالاقىدار نېتانياھۇنىڭ «ياخشى ئەھۋالدا» ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدە بىر بىرلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا ئارىلىشىش-ئارىلاشماسلىقنى تېخى ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئېيسېنكات بىلەن لاپىد بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدى

ئۆكتىچىلەر سېپىدىكى بەياھاد پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخسى سابىق باش مىنىستىر يائىر لاپىد بىلەن ياشار پارتىيەسى رەھبىرى گادى ئېيسېنكات، پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن ئۇچراشتى.

لاپىد ئاممىغا ئېلان قىلىنغان تۇنجى رەسمىي ئالاقىلىشىشكە مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكىدىكى X ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېيسېنكات بىلەن سايلام نەتىجىلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ۋە «سايلىغۇچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىكى ئورتاق مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى ماسلاشتۇرغانلىقىنى» تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەدە 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 5.6 مىليون سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ جەزملەشمىگەن نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت ئىتتىپاقى پارلامېنتتا 53 ئورۇندۇققا ئىگە بولغان، ئېيسېنكات باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى  پارلامېنتتا 48 ئورۇندۇققا ئىگە بولغان.

شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى ئىتتىپاق 120 ئورۇنلۇق ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سان بولغان 61 ئورۇندۇقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن.

ئىسرائىلىيەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيەلەر، 19 پارلامېنت ئەزاسىغا ئېرىشىپ تارىخىي بىر ۋەكىللىك قىلىش سەۋىيەسىگە يەتتى. ھاداش، تائال ۋە بالاد پارتىيەلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئورتاق تىزىملىك 11، مەنسۇر ئابباس رەھبەرلىكىدىكى رائام پارتىيەسى 8  ئورندۇققا ئېرىشتى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىرانغا قارشى «ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش» ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە 10 ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا تەۋە 1214 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كېچىچە رۇسىيەنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ پويىز ئىستانسىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 14 كىشى قازا قىلدى
فلاۋىيو بولسونارو ئامېرىكىغا قاچتى. تىرامپ بىرازىلىيە سايلىمىنى «نومۇس قىلارلىق» دەپ سۈپەتلىدى
شىمالىي كورېيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سىناق قىلدى
نېتانياھۇ يېڭى سايلام تەلەپ قىلماقچى، ئەمما ئۆكتىچىلەر بۇنى توسۇپ قالالايدۇ
سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 75 مىلىتان ئۇجۇقتۇرۇلدى
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە  ئەل خەلىل شەھىرىدىكى قورشاۋىدا تەخمىنەن 5 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆي ماكانىدىن ئايرىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى خەلقنى نېتانياھۇغا قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى
ترامپ سايلام ساختىپەزلىكىنى پاش قىلغانلارغا 1 مىليون دوللار مۇكاپات ئېلان قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
سۈرىيە: ئىيوردانىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى
قاتار ئەمىرى ئال سانى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېف بىلەن كۆرۈشتى
CNN: ترامپ بۇيرۇق بەرسە، ئامېرىكا 96 سائەت ئىچىدە ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىيالايدۇ
ئۆكتىچى رەھبەر نېتانياھۇنى «ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
فرانسىيەدە بوراندىن كېيىن تەخمىنەن 59 مىڭ ئائىلىدە توك توختاپ قېلىش داۋاملاشماقتا