رۇسىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە نىشانغا تىنچ يوللار بىلەن يېتىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ» دېدى.
باياناتچى پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە بايانات بەردى. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى كىرىلو بۇدانوۋنىڭ «رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللىرى سېنتەبىر ئېيىدا بىر يەرگە جەم بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختالغان پېسكوۋ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكىلىقلار بىلەن خىزمەت سەۋىيەسىدە ئالاقە داۋاملاشماقتا. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئىشىكلىرىمىز ئوچۇق.»
رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدە بىر ناتو دۆلىتىگە چەكلىك شەكىلدە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەرگە قارىتا پېسكوۋ مۇنداق دېدى:
«بۇنىڭ ھەقىقەت ۋە رۇسىيەنىڭ نىيىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. رۇسىيە نىشانغا تىنچ يوللار بىلەن يېتىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ھازىرچە مۇمكىن بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت داۋاملىشىۋاتىدۇ. رۇسىيە بۇنى ئۆز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە.»
ياۋروپانىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان رۇسىيە مال-مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىشلىتىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پېسكوۋ، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر سىستېمىلىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.






















