ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينى ئىستانبۇلدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر كۈتۈۋالدى.
زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچرىدا: «گۇرۇپپىمىز بىلەن ئىستانبۇلغا قوندۇق. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مۇھىم سۆھبەتلىرىمىز بولىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ئوكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىش، تۈركىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئەمەلىي دىپلوماتىك پۇرسەتلەر ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان زېلېنسكىي، قارا دېڭىزدىكى دېڭىز قاتنىشىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا فەنەر رۇم پاترىكى بارتولوپېئوس بىلەنمۇ بىر ئۇچرىشىشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوكرائىنانىڭ يېنىدا تۇرغان ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتتى.
ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە، تۈركىيە بىلەن ئوكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر شۇنداقلا رۇسىيە-ئوكرائىنا ئۇرۇشى ۋە قارا دېڭىزدىكى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى قاتارلىق رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئوكرائىنا دۆلەت رەئىسى ۋولودىمىر زېلېنسكىينى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دولماباھچە ئىشخانىسىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى.
بىر-بىرىگە ئۆز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تونۇشتۇرغان ئەردوغان بىلەن زېلېنسكىي، ئاندىن يالغۇز ۋە ۋەكىللەر ئارا سۆھبەتلەرگە ئۆتتى.
سۆھبەتكە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، ئوكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندىرى سىبىھا مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ئىبراھىم كالىن ۋە ئوكرائىنا تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى رۇستەم ئۇمېروۋمۇ قاتناشتى.





















