ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پىزىشكىيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە: «ئىراننىڭ ئەمدى ئامېرىكىغا ئىشەنچىسى يوق» دېدى.
ئىران پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان پىزىشكىيان، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەن.
پىزىشكىيان كۆرۈشۈش جەريانىدا گۇتېررېسقا: «ئىران مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن ئايرىلمىدى. ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ئەمدى ئامېرىكىغا ئىشەنچىسى يوق» دېدى.
دۆلىتىنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پىزىشكىيان: «ئىران تاشقى بېسىملارنىڭ دۆلەتنى تەسلىم ئېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
گۇتېررېس بولسا، تىلغا ئېلىنغان مۇرەككەپ شارائىتلاردا سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ھەل قىلىش يولى تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



















