ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سۈرىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن 21 پارچە قەدىمكى يادىكارلىق پايتەخت دەمەشقتىكى دۆلەتلىك مۇزېيغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
سۈرىيە مۇزېي ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاممار كەناۋى ئامېرىكادىن قايتۇرۇپ بېرىلگەن قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ پىرېزىدېنت ئەھمەد شاراغا ھەمراھ بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە، پىرېزىدېنت مەخسۇس ئايروپىلانىدا دۆلەتكە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كەناۋى ئەسەرلەرنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشىنىڭ، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى باسقۇچتا سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇرۇش يىللىرىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن دۆلەت سىرتىغا چىقىرىپ كېتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشىنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ يوقالغان كىملىكىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«قەدىمكى يادىكارلىقلارنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشى سۈرىيە كىملىكىنىڭمۇ قايتۇرۇپ كېلىنىشى دېگەنلىكتۇر.»
سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن چىقىرىپ كېتىلگەن بارلىق ئەسەرلەرنىڭ دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان كەناۋى، ئەسەرلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى «ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ۋە ئۆيلىرىگە قايتىشى» غا ئوخشاتتى.
ئاممار كەناۋى ئەسەرلەرنىڭ ئوخشىمىغان رايونلار ۋە تارىخىي دەۋرلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈرىيە سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەنلىكىنى بىلدۈردى.





















