ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن يېزا-بازارلارنى زەمبىرەك ئوقىغا تۇتتى ۋە بەزى ھۇجۇملاردا فوسفورلۇق بومبا ئىشلەتتى.
لىۋان ئورگان خەۋەر ئاگېنتلىقى (NNA) جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ نەباتىيە رايونىدىكى زەۋتار ئەششەرقىييە، مەيفادۇن ۋە نەباتىيە ئەلفەۋقانىڭ سىرتقى قىسىملىرىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەباتىيە ئەلفەۋقا ۋە زەۋتار ئەششەرقىييەگە قارىتىلغان ھۇجۇملاردا فوسفورلۇق ئوقلار ئىشلىتىلگەن.
شۇنداقلا زەمبىرەك ئوقى سۇر رايونىدىكى ۋادى زىبكىن بىلەن خارىس ۋە ھادداتانىڭ سىرتقى قىسىملىرىنىمۇ نىشان قىلغان.
پارتلىمىغان ئىككى ئاۋىياتسىيە بومبىسى بىر تەرەپ قىلىندى
بۇ جەرياندا، لىۋان ئارمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرى مەرجايۇن ۋە بىن جۇبەيىل رايونلىرىدىكى مەجدەل سەلم ۋە ئەلغاندۇرىييەدە ئىسرائىلىيەگە تەۋە پارتلىمىغان ئىككى دانە ئاۋىياتسىيە بومبىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەر بىر رايونغا يۆتكىدى.
لىۋان دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بومباردىمانلار مارت ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئاز دېگەندە 4 مىڭ 386 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە، 12 مىڭ 407 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرى، ئىيۇن ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان ۋە لىۋان ئارمىيەسىنىڭ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە ھىزبۇللاھنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى بەدىلىگە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى لىۋان تېررىتورىيەسىدىن باسقۇچقا بۆلۈپ چېكىنىشىنى كۆزدە تۇتۇلىدىغان بىر رامكا كېلىشىمىگنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پىسەنت قىلماستىن داۋاملاشماقتا.




















