تۈركىيە
4 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغاننىڭ «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق بىر پارچە ماقالە يازدى.
ئەردوغاننىڭ «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ماقالىسى

گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىسىنى «تارىخنىڭ ئېقىمىنى ئۆزگەرتكەن، پۈتكۈل بىر خەلقنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن جېنى بەدىلىگە كۈرەش قىلغان شۇ پاجىئەلىك كېچىنىڭ ئۈستىدىن تولۇق ئون يىل ئۆتتى» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىغان ئەردوغان مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

«15-ئىيۇل — پەقەتلا خائىنلارچە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلغان بىر كېچىلا ئەمەس؛ بەلكى خەلقىمىزنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە، دېموكراتىيەسىگە ۋە مۇستەقىللىقىگە جېنى بەدىلىگە ئىگە چىققان، تارىخقا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان بۈيۈك بىر دېموكراتىيە غەلىبىسىدۇر. شۇ كېچىسى ئالىيجاناب مىللىتىمىز ئانا ۋەتىنىمىزنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنغان ئىمپېرىيالىستلارغا ۋە ئۇلارنىڭ يانتاياقلىرىغا خۇددى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا بولغىنىدەك تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ ساۋاقلىرىدىن بىرىنى بەردى.

15-ئىيۇل — شائىرنىڭ ‹ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەيۋىتى دۇنياغا مەشھۇردۇر / تەبىئەت ئۆزگىرىدۇ دەپ ئويلىما، بۇ قان يەنە شۇ قاندۇر!› دېگەن مىسرالىرىدا تىلغا ئالغىنىدەك، مىڭ يىل ئىلگىرى مالازگىرتتا قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلغانلارنىڭ، 500 يىل ئىلگىرى ئىستانبۇل سېپىللىرىدا سۇلتان فاتىھنىڭ چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزنىڭ خۇش بېشارىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن روھى بىلەن تېنىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ، يۈز يىل ئىلگىرى ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغانلارنىڭ ئېتىقادى ۋە قەتئىيلىكى بىلەن كوچىلارغا ھەم مەيدانلارغا يۈگۈرگەن ئالىيجاناب خەلقىمىز تارىخقا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازغان بۈيۈك بىر داستانىدۇر.»

«خەلقىمىز ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە ئىستىقبالىغا يەنىلا ئۆزى ئىگە چىقتى»

ماقالىسىدە كۆزى قىزارغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان خائىنلىق ئۇرۇنۇشىغا قارشى ئەزىز خەلقنى مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىقىش نامىدىن مەيدانلارغا ۋە ئايرودروملارغا چاقىرغاندا ئادەتتىكى بىر تەكلىپنىلا بەرمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، كۆزقاراشلىرىنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق يازدى:

«مىللىتىمىزگە قىلغان چاقىرىقىمىز ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ دېموكراتىك ئەقىل-پاراسىتىگە، پىداكارلىقىغا ۋە جاسارىتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ مۇقەددەس مىراسلارنىڭ بىرى بولغان ‹يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم!› شۇئارىنى قايتىدىن قەد كۆتۈرتۈشنى نىشان قىلدۇق. گويا تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىقىپ كەلگەن خەلقىمىزمۇ بۇ چاقىرىققا جېنى ۋە روھىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، دەرھال جاۋاب بەردى. ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى خەلقىمىز بۇ ئىشەنچنى يەردە قويمىدى ھەمدە ئۆز مۇستەقىللىقى بىلەن ئىستىقبالىغا يەنىلا ئۆزى ئىگە چىقتى. شۇ كېچىسى خەلقىمىز ئۆز ئىرادىسىگە سېلىنماقچى بولغان زەنجىرلەرنى پاچاقلاپ تاشلاپ، بېقىندىلىق بىلەن خائىنلىقنىڭ كىشەنلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تۈركىيەنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى بىر-بىرلەپ ۋەيران قىلدى. شۇ كېچىسى 253 ۋەتەن ئوغلانىمىز شېھىتلىك شارابىنى ئىچكەن بولسا، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز يارىلاندى. بۇ رەقەملەرنىڭ ھەر بىرى ۋەتىنى، بايرىقى ۋە مىللىي ئىرادىنى قوغداش يولىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىداكارلىق، جاسارەت شۇنداقلا قەھرىمانلىقنىڭ ئايرىم-ئايرىم بىرەر بەلگىسىدۇر.»

«ھەر ساھەدە فەتۆنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «ئۆتۈپ كەتكەن ئون يىللىق ۋاقىت جەريانىدا، قولى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى فەتۆغا قارشى كۈرىشىمىزنى ھەم دۆلەت ئىچىدە، ھەم خەلقئارالىق سۇپىلاردا ھېچقانداق مۇرەسسە قىلماسلىق قەتئىيلىكى بىلەن داۋاملاشتۇردۇق» دېدى ۋە داۋاملاشتۇرۇپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن بۇ راك ھۈجەيرىسىنى تازىلاش ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ ئادالەت ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش جېنىنى خۇشاللىق بىلەن پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىز ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ قەرزىمىز ئىدى. بىيۇروكراتىيەدىن تارتىپ ئارمىيەگىچە، ئەدلىيەدىن تارتىپ سودا دۇنياسىغىچە بولغان ھەر بىر ساھەدە فەتۆنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېسىمىزدىن ھەرگىز چىقارماسلىقىمىز كېرەك بولغان مۇشۇنداق ئاددىي بىر ھەقىقەتنىمۇ يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، باشتىن كەچۈرۈلگەن ئىشلار 10 يىل ئىلگىرى باشلىنىپلا ئاخىرلاشقان بىر كۈرەش ئەمەس. فەتۆ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خائىن قۇرۇلمىلارنىڭ دۆلىتىمىزگە شۇنداقلا خەلقىمىزگە قايتىدىن تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى 15-ئىيۇل روھىنى ھەر ۋاقىت جانلىق تۇتۇش ۋە بۇ ئاڭنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغىمۇ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر.»

«بۇ خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىدۇر»

خائىنلارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئۈستىدىن 10 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئازابلارنىڭ تۇنجى كۈندىكىدەك يېڭى پېتى تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«شۇنىڭ بىلەن بىرگە فەتۆ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق تېررورلۇق ئۇۋىلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنى ئوخشاش ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. 15-ئىيۇلنىڭ 10-يىلىدا تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ قەتئىي ۋە بىر-بىرىگە تېخىمۇ چىڭ باغلانغان بىر تۈركىيە بار. بۇ تۇپراقلاردا 15-ئىيۇل روھى جانلىق تۇرىدىغانلا بولسا، خائىنلارنىڭ سۇيىقەست پىلانلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك سېنارىيەچىلىرىنىڭ رەزىل ئويۇنلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ نىشانىغا يېتەلمەيدىغانلىقىدىن ھېچكىمن گۇمانلانمىسۇن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ قاراڭغۇ كېچىدە كۆكرىكىنى قالقان قىلىپ يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرگەن، جېنىنىڭ بەدىلىگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ يادىكارلىقى بولغان ۋە ئەسىرلەردىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن بۇ تۇپراقلارنى بىزگە قايتىدىن ۋەتىنىمىز قىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن. غازىلىرىمىزغا خەيرلىك، بەرىكەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرلەر تىلەيمەن.

پەرۋەردىگارىم ئۆتمۈشى شانلىق غەلىبىلەر بىلەن توقۇلغان ئەزىز خەلقىمىزگە يەنە بىر 15-ئىيۇلغا ئوخشايدىغان خائىنلىقلارنى كۆرسەتمىسۇن. بۇ خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ئۇنىڭ بىرلىكى، باراۋەرلىكى ۋە مىڭ يىلدىن بۇيان خۇشاللىق ھەم قايغۇ بىلەن يۇغۇرۇلغان قەدىمىي قېرىنداشلىقىدۇر. ئاللاھ بىرلىكىمىزنى، باراۋەرلىكىمىزنى ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى مەڭگۈلۈك قىلسۇن.»

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى
ترامپ: ئىران مېنى قەستلەشكە ئۇرۇنسا، خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شىمالىي قىبرىس قارارى كۈچكە ئىگە ئەمەس
رايونلۇق مۇرەسسەچىلەر ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا
مباپپېنىڭ 8-گولى فىرانسىيەنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى