جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قاتار دۆلىتىنىڭ ئاتا ئەمىرى شەيخ ھەمەد بىن خەلىپە ئالسانىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن 2026-يىلى 14-ئىيۇل كۈنى قاتاردا تەزىيە زىيارىتىدە بولىدۇ.»
ئۇزۇندىن بۇيان داۋالىنىۋاتقان قاتارنىڭ سابىق ئەمىرى شەيخ ھەمەد بىن خەلىپە ئالسانى تۈنۈگۈن 74 يېشىدا ۋاپات بولغان ۋە دوھادىكى لۇسايىل قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئىدى.
تەۋسىيە
شەيخ ھەمەدنىڭ ۋاپاتى سەۋەبىدىن پۈتۈن مەملىكەتتە 4 كۈنلۈك رەسمىي ماتەم ئېلان قىلىندى.
1995 – 2013 - يىللىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن شەيخ ھەمەد بىن خەلىپە ئالسانى، 2013-يىلى ھاكىمىيەتنى ئوغلى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.




















