تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ساقچى باش ئىدارىسى 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنىگە ئاتاپ ئالاھىدە سىن تەييارلىدى
بۈگۈن سىياسىي ئۆزگىرىشچىلەرنىڭ مەغلۇپ قىلىنىپ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنىڭ 10- خاتىرە يىلى
ساقچى باش ئىدارىسى 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنىگە ئاتاپ ئالاھىدە سىن تەييارلىدى
15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنىڭ 10-يىللىقى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساقچى باش ئىدارىسى(EGM)  15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنىگە ئاتاپ مەخسۇس تەييارلىغان بىر سىننى ھەمبەھرىلىدى.

تۈركىيە ساقچى باش ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ۋىدېيودا 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلدى: «15-ئىيۇل — ۋەتىنىمىزگە، بايرىقىمىزغا ۋە ئىستىقبالىمىزغا ئىگە چىققان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ فەتونىڭ خائىنلارچە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى ئالدىدا بىر تەن، بىر جان بولۇپ نامايان قىلغان مىسلىسىز قارشىلىقى ۋە قەھرىمانلىقىنىڭ داستانىدۇر.»

ۋىدېيودا، شۇ كېچىسى خەلقنىڭ ئۆز ئېتىقادى، جاسارىتى ۋە قەتئىيلىكى بىلەن مەيدانلارغا چۈشۈپ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ئىگە چىققانلىقى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئالدىدا ھېچقانداق كۈچنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسىتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ: «15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنىنىڭ 10-يىللىق خاتىرە كۈنىدە ماقاملارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى بولغان شېھىتلىك دەرىجىسىگە يەتكەن ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى سېغىنىش ۋە مىننەتدارلىق ئىچىدە ئەسلەيمىز، قەھرىمان غازىلىرىمىزغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.

تەييارلانغان سىندا شۇ كېچىسى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە تۈرك مىللىتى يازغان قەھرىمانلىق داستانىدىن كۆرۈنۈشلەر ئورۇن ئالدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى
ترامپ: ئىران مېنى قەستلەشكە ئۇرۇنسا، خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شىمالىي قىبرىس قارارى كۈچكە ئىگە ئەمەس
رايونلۇق مۇرەسسەچىلەر ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا
مباپپېنىڭ 8-گولى فىرانسىيەنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى