ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى قارمىقىدىكى «ياش ژۇرنالىستلار كۇلۇبى» (YJC) دا سۆز قىلغان كازىم غەرىبئابادى، ئىراننىڭ ئامېرىكاغا ھەربىي جەھەتتىن قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكىنى ۋە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە قارىماي، قايتىدىن كۈچىيىپ كەتكەن سۈركىلىشلەرگە باھا بەردى.
غەرىبئابادى ئامېرىكانىڭ «ئىسلامئاباد كېلىشىم لايىھەسى» دەپ ئاتىلىدىغان 14-ئىيۇندا ھاسىل قىلىنغان مەزكۇر كېلىشىمنى ھەربىي ھۇجۇملار شۇنداقلا دېڭىز قامىلىنى قايتىدىن ئىجرا قىلىش قەدەملىرى ئارقىلىق تولۇق بۇزغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا كېلىشىمنىڭ بارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ئاساسىي رامكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى» دېدى.
ئىراننىڭ ئامېرىكاغا ھەربىي جەھەتتىن قايتۇرما زەربىلەرنى بەرگەنلىكىنى ۋە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان غەرىبئابادى يەنە: «ئىران بۇ خىل شارائىتتا كېلىشىمگە قارىتا ھېچقانداق مەجبۇرىيەت ھېس قىلمايدۇ. نۆۋەتتە بىز گېپىنى قىلىدىغان ھېچقانداق كېلىشىم قالمىدى. ئامېرىكا كېلىشىم لايىھەسىنى بۇزۇش يولىدا بارلىق ئىشلارنى قىلدى. شۇڭلاشقا ھېچقانداق دۆلەت ئىراننىڭ ئۆز ۋەدىلىرىنى ئورۇندىشىنى كۈتمەسلىكى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
















