سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئاراقچى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قوغدىغۇچىسىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى ۋە ئەبەدىي شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدا ئىرانغا قاراتقان ئامېرىكا دېڭىز قورشاۋىنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلغانلىقىنى ۋە بوغۇزدىن ئۆتكەن بارلىق يۈكلەردىن %20 ئۆتۈش ھەققى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھورمۇز بوغۇزى ئوچۇقتۇر، ئىران بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئوچۇق پېتى قالىدۇ» دېدى.

پەقەت ئىران پاراخوتلىرى بىلەن ئىران نامىدىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خېرىدارلارنىڭ بوغۇزغا كىرىش-چىقىشىنىلا توسۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ «ئىران قورشاۋى» دېگەن نام بىلەن يولغا قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترامپ باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن <ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قوغدىغۇچىسى> دەپ ئاتىلىدۇ» دېدى.

رايوندا بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش چىقىمى ھەققىدە توختالغان ترامپ: «دۇنيانىڭ ئىنتايىن مۇقىم بولمىغان بۇ رايونىدا بىخەتەرلىك ۋە خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق چىقىملار دائىرىسىدە، بوغۇزدىن ئۆتىدىغان بارلىق يۈكلەردىن %20 ئۆتۈش ھەققى ئېلىنىدۇ» دېدى.

ترامپ بۇ بەلگىلىمىنىڭ دەرھال يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بولسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەن بارلىق يۈكلەردىن %20 ئۆتۈش ھەققى ئېلىش توغرىسىدىكى باياناتىغا مەسخىرىلىك جاۋاب قايتۇردى.

ئابباس ئاراقچى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قەتئىي ھەقلىق. ھورمۇز بوغۇزىدىن سودا پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەر ۋە تىنچ - ئامان ئۆتۈشىگە كىم كاپالەتلىك قىلىۋاتقان بولسا، بۇ خىزمەتنىڭ بەدىلىنى چوقۇم ئېلىشى كېرەك» دېدى.

ئاراقچى بولسا ترامپنىڭ باياناتىنى مەسخىرە قىلىپ: مۇنداق دېدى:

 «ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىران، بۇ ئەبەدىي شۇنداق بولىدۇ. % 20 ئەلۋەتتە بەك كۆپ. بىز ئادىل بولىمىز.»

ئىزدىنىڭ
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى
ترامپ: ئىران مېنى قەستلەشكە ئۇرۇنسا، خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شىمالىي قىبرىس قارارى كۈچكە ئىگە ئەمەس
رايونلۇق مۇرەسسەچىلەر ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا
مباپپېنىڭ 8-گولى فىرانسىيەنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: 36-نۆۋەتلىك ناتو باشلىقلار يىغىنىنى غەلىبىلىك تاماملىدۇق
خىتاينىڭ جەنۇبىدا سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ 39 ئادەم ئۆلدى
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى تۈركىيەنىڭ «F-35» كۈرەشچى ئايروپىلان پىروگراممىسىغا قايتىشىنى قوللايدۇ
خاقان فىدان: ناتونىڭ ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
ترامپ: ئەردوغان ئاجايىپ قالتىس ئىدى، ناتو ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى
دەمەشق ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقارغانلىقىدىن سۆيۈندى