سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسىيەنى ئافرىقا بىلەن باراۋەرلىك ۋە شېرىكلىك ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىردى.
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون 2026-يىلى 12-ماي كېنىيەنىڭ نايروبى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق ئافرىقا ئالغا ئىلگىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. / Reuters

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيەنىڭ ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا قاتارلىق رىقابەتچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئورنىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى فىرانسىيە ئورگانلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان بىپەرۋالىقى ۋە تەكەببۇرلۇقىغا دۆڭگىدى.

ماكرون «Africa Forward» (ئافرىقا ئالغا) تىجارەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، فىرانسىيەنىڭ يېقىنقى 25 يىلدىن بېرى ئافرىقادا «تەۋرىنىپ قالغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، بۇ يۈزلىنىشنى «نورمال»، ھەتتا ئاكتىپ بىر ھالەت دەپ تەسۋىرلەدى.

فىرانسىيە شىركەتلىرى ۋە كارخانىچىلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تارىخىي رىشتىسىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالالمىغانلىقىنى ئېيتقان ماكرون: «ئۇلار فىرانسىيەلىك بولۇشنىڭلا ھەر قانداق ئىشىكنى ئۆزلۈكىدىن ئاچىدىغان ئالاھىدە بىر ئىمتىياز ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ماكرون ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە شېرىكلەرگە يۈزلىنىپ، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تاللاشلارنى قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، قىتئە مىقياسىدا ئەنقەرە ۋە بېيجىڭنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رولىنى تەكىتلىدى.

ماكرون ئافرىقانىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت ياردەمگىلا تايىنىدىغان ياكى تاشقى كۈچلەر ئافرىقا بازىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىنى مەجبۇرىي تاڭىدىغان مودېلنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«تۈپتىن بىر ئۆزگىرىش» كە چاقىرغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى، فىرانسىيەنى پەقەت ياردەم بېرىشنىلا ئاساس قىلغان «يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارايدىغان لوگىكا» دىن ۋاز كېچىشكە، ئۇنىڭ ئورنىغا باراۋەرلىك ۋە شېرىكلىك ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

يېڭى ئۇسۇلنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن «ئورتاق مەبلەغ سېلىش، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورتاق يېڭىلىق يارىتىش»نى مەركەز قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان ماكرون، يەنە ئافرىقانىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر قىتئەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى يازمىسىدا ۋېنېزۇئېلانى ئامېرىكانىڭ «51-ئىشتاتى» دەپ ئاتىدى
لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 6 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
ئىسپانىيە «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلدى
ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ «51-ئىشتات» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا 37 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىدى
خانتا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى تارقالغان پاراخوت تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن گوللاندىيە تەرەپكە بۇرۇلدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئۇكرائىنا: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ئىمبارگو پىلانىنى ئىجرا قىلارمۇ؟
تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىدى
خانتا ۋىرۇسى كۆرۈلگەن يولۇچىلار پاراخوتىدىكى ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبىتىدىكى بېكىنمە ھالەت: ئىككى تەرەپ تەڭ «ياق» دېدى