سلوۋاكىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ستاشكوۋ ناھىيەسىدىكى بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 61 ياشلىق بىر ئوقۇتقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
دائىرىلەر مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق تېگىش نەتىجىسىدە قازا قىلغانلىقىنى، دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يارىدارلار ئارىسىدا 44 ياشلىق يەنە بىر ئايال ئوقۇتقۇچى بىلەن ئەھۋالى ئېغىر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ 14 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
2025-يىلى يانۋار ئېيىدىمۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى سپىسسكا ستارا ۋېس ناھىيەسىگە جايلاشقان بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر ئوقۇغۇچى پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساۋاقدىشى بىلەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، يەنە بىر كىشىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان ئىدى.





















