پاكىستان تۈركىيەنىڭ ئىسلامئاباد-كابۇل ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىكى «ئىجادىي رولى» نى ماختىدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان تۈركىيەنىڭ ئىسلامئاباد-كابۇل ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىكى «ئىجادىي رولى» نى ماختىدىجۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن شاھباز شېرىف تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
پاكىستان تۈركىيەنىڭ ئىسلامئاباد-كابۇل ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىكى «ئىجادىي رولى» نى ماختىدى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىرگە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەمدە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

شاھباز شېرىف پەيشەنبە كۈنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا، بولۇپمۇ ھېيت كۈنلىرىدە ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ھەم بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

شاھباز شېرىف جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن يەنە «ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋەزىيىتى» توغرىلىقمۇ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«تېلېفون سۆھبىتىدە دوست ۋە قېرىنداش دۆلىتىمىز تۈركىيەگە ۋە رايوندىكى باشقا قېرىنداش دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدىم» دېگەن شاھباز شېرىف، پاكىستاننىڭ تۈركىيە ۋە پارىس قولتۇقىدىكى باشقا قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمدەملىكىنىڭ مۇھىملىقىنى، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە سوغۇققان بولۇش چاقىرىقى قىلدۇق ۋە ئىختىلاپلارنىڭ دىيالوگ ھەمدە دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدۇق.»

تىنچلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلغان تىرىشچانلىقلار

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بولسا تۈركىيەنىڭ رايوندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەردوغان يەنە، ئىسلامنىڭ تۇنجى قىبلىسى بولغان قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسانى نىشان قىلغان ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان بىلەن ئافغانىستان؛ تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتارنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاساسەن، مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن چارشەنبە كۈنى ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى.

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئالدىنقى ھەپتىلەردە چېگرا جىددىيچىلىكىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە يامانلاشقان ئىدى؛ بۇ ئەھۋال جانغا زامىن بولۇش ۋە مال-مۈلۈك زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئىرلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك