تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا ئائىت ئىقتىسادىي نەتىجىلەر ۋە يىل ئاخىرىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان نىشانلار مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىندا سۆز قىلدى.
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى
پىرېزىدېنت مىرزىيويېۋ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئىقتىسادىي نىشانلار مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا سۆز قىلدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا ئائىت ئىقتىسادىي نەتىجىلەر ۋە يىل ئاخىرىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان نىشانلار مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىندا سۆز قىلىپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ يانۋار-ئىيۇن مەزگىلىدە ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %8.5 ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېزا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ %4.7، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %8، قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ %13.8 ۋە مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ %16.9 ئاشقانلىقىنى قەيت قىلغان مىرزىيايېۋ، بۇ مەزگىلدە دۆلەتتىكى مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنىڭ 28 مىليارد دوللارغا، ئېكسپورتنىڭ بولسا 14.4 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تەخمىنەن 40 مىليونلۇق نوپۇسنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى %9 تىن %10 كىچە بولغان سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن مىرزىيايېۋ، بۇ دائىرىدە رايون ۋە ساھە مەسئۇللىرىنىڭ قولىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ دۇنياۋى ئىقتىسادتىكى ئېنىقسىزلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، بارلىق مىنىستىرلىقلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرلەرگە قارشى ئالتېرناتىپ (زاپاس) لايىھەلەرنى تەييارلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ شۇنداقلا دۇنياۋى ئىقتىسادىي تەۋرىنىشلەرنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش مەقسىتىدە رايونلاردا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىجتىمائىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مالىيە مەبلىغى ئاجرىتىلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۆزبېكىستان ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2026-يىللىق ئېشىش مۆلچەرىنى %6.6 تىن %8.1 گە كۆتۈرگەن ئىدى.

«كوۋىد-19» يۇقۇمىدىن (2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە) ئىلگىرى يىللىق ئېشىش نىسبىتى %5 تىن %6 كىچە بولغان ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى 2020-يىلى %1.6، 2021-يىلى %7، 2022-يىلى %5.7 ۋە 2023-يىلى %6، 2024-يىلى %6.7، 2025-يىلى بولسا، %7.7 ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
يەمەن ئامېرىكانى ھۇسىيلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
سىنگاپوردا «سەلبىي خەۋەرلەرگە بېرىلىپ كېتىش» كە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغانلارغا پۇل تۆلەنمەكتە
لوس ئانژېلېستا تىك ئۇچار ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش قانۇن  لايىھەسىنى تەستىقلىدى
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلانغان قۇتقۇزۇش خادىمىغا ياردەمگە كەلگەن پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان بىر بىنانىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 9 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە: ئالەم بوشلۇقىدىكى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم تاشلىنىشى كېرەك
ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم رايون بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى: ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سۈرىيە «قايتا تۇغۇلدى»
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ب د ت: مالىدىكى پاناھلانغۇچىلار ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانى 731 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى