تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرى يۈسۈپ تەكىن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان 2025 – يىللىق خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش پىروگراممىسى نەتىجىلىرىدىن كېيىن، سلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى براتىسلاۋادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. تەكىن تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئىچىدە ئالدىنقى 5-ئورۇنغا كىرىش ۋە بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
مىنىستىر تەكىن، تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلگىرىلەشلەر ھەققىدە توختىلىپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ مائارىپ ساھەسىدىكى سىرتقى تەسىرلەرنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى مائارىپ ۋە قابىلىيەت دىرېكتورى ئاندرېئاس شلېيچېرنىڭ تۈركىيەنىڭ 2015-يىلىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن «ئادەتتىن تاشقىرى مۇۋەپپەقىيەتلىرى» نى باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە سۈپىتىدە سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. تەكىن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىشلارنىڭ ئوڭشىلىشقا باشلىغانلىقىنى، مەكتەپلەردە مىنىستىرلىق تەمىنلىگەن دەرسلىك كىتابلارنىڭ چوقۇم ئوقۇتۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «ئوقۇش پىروگراممىسى بەك قويۇق» دېگەن تەنقىدلىرىگە قارىتا، تەكىن «تۈركىيە يۈز يىللىقى مائارىپ مودېلى» نى تۇرغۇزغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. بۇ يېڭى مودېل پەقەت بىلىم بېرىشنىلا ئەمەس، بەلكى بىلىمنى كۈندىلىك تۇرمۇش قابىلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. مىنىستىر تەكىن، مەزكۇر يېڭى مودېل ئاساسىدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتا تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

















