غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قىش پەسلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ كۆرۈلگەن ناچار ھاۋا كىلىماتىنىڭ، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ياشاش شارائىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
غەززە رايونىدا 12 سائەت ئىچىدە 70 مىڭ چېدىرنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى يەتكۈزۈلگەن باياناتتا، شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن نەچچە ئون تامنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ۋە غەززە رايونىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى بولغان نەچچە ئون بىنانىڭمۇ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن باياناتتا، ناچار ھاۋا كىلىماتىنىڭ بۇ خەۋپنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە چېگرا ئېغىزلىرىنى توسۇپ تۇرماقتا
يامغۇر باشلانغان تۇنجى 12 سائەتتە كۆرۈلگەن بىۋاسىتە ماددىي زىياننىڭ دەسلەپكى مۆلچەرلەرگە قارىغاندا تەخمىنەن 3 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئىسرائىلىيەنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاپ تۇرۇشى ۋە پەلەستىنلىكلەر جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان پاناھلىنىش ۋە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ماتېرىياللىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىنى توسۇشى، يۈز بەرگەن ئاپەتلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قاتارىدا كۆرسىتىلدى.
خەلقئارا جەمئىيەتكە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرىغا ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا جىددىي مۇداخىلە قىلىش چاقىرىقى قىلىنغان باياناتتا، ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە پاناھلىنىش شۇنداقلا قوغدىنىش ئېھتىياجلىرىنىڭ قاندۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇۋاتقان غەززە رايونىغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇيان غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 1610 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 5 مىڭ 819 كىشى يارىلانغان. ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا بولسا ئومۇمىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 74 مىڭدىن، يارىلانغانلار سانى 175 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.


















