ئىران پارلامېنتى دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى قانۇنىي تەرتىپنىڭ دۆلەتنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى ئۈستىدىكى ئابرويىنى ۋە كونتىروللۇقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرى دەرىجىلىك بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا ئىران پارلامېنتى تېھراننىڭ «دۈشمەن» دەپ قارىغان دۆلەتلەرگە تەۋە ھەربىي ۋە سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئىراننىڭ رۇخسىتىسىز پارىس قولتۇقىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىدىغان بىر قانۇن تەكلىپى تەييارلىماقتا.
دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنت دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئەزىزى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنىڭ، ئىراننىڭ نېپىت سانائىتىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئالغاندىن بۇيانقى سالماق ۋە ئىلغار سەۋىيەدىكى قانۇنلارنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەزىزى تەكلىپ دائىرىسىدە «دۈشمەن» دۆلەتلەرگە تەۋە ھەربىي ۋە سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئىراننىڭ تەستىقى بولمىسا پارىس قولتۇقىغا كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، مەزكۇر تەرتىپنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى ئۈستىدىكى ئىراننىڭ ھوقۇقىنى ۋە كونتىروللۇقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
كومىتېت باياناتچىسى ھەسەن قاشقائى 9-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، كومىتېتنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى بىلەن پارىس قولتۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ۋە ئىككىلا رايوندا تەرەققىياتنى تەڭپۇڭ ئىلگىرى سورۈشنى مەقسەت قىلغان بىر قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغاندىن بۇيان رايوندىكى كەسكىنلىك داۋاملاشماقتا. تېھران ۋە ۋاشىنگتون تېخىچە توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان بولۇپ، ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى يەر شارى ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئاقسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.


















