شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يىبىن شەھىرىگە قاراشلىق چاڭنىڭ ناھىيەسىدىكى بىر يېزىدا، بىر ئائىلە پەرزەنتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بېرىلگەن زىياپەت ئەسناسىدا ئۆينىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ۋەقەدە تام ئاستىدا قالغان 5 كىشى قازا قىلغان، 17 كىشى يارىلانغان.
تەۋسىيە
دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 كىشى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە 2 كىشى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن. يارىلانغان 17 كىشى دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغان.



















