ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti / ئاق پارتىيە) 14-ئاۋغۇست قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. تۈركىيە بۇ چارەك ئەسىرنى تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى كۈچ تەرتىپىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە يول ئاچقان ھەل قىلغۇچ بىر دەۋر دەپ باھا بېرىدۇ.
پارتىيە قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى ۋە كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە خەلقئارا ئورنىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
ئىچكى ئىشلاردا مۇقىملىقنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن ھۆكۈمەت، كېيىنچە تۈركىيەنىڭ رايونلۇق ۋە دۇنياۋى رولىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كۈچلۈك ۋە ئەمەلىيەتچان تاشقى سىياسەتنى شەكىللەندۈرۈش ۋە يولغا قويۇشقا يۈزلەندى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئىقتىسادنى كۈچەيتىش ۋە تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ئورنىنى ياخشىلاشقا مەركەزلەشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشتى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە ئىقتىسادىي كۈچىنى كېڭەيتىش ۋە رايونلۇق تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق، بالقان، ئافرىقا، كاۋكاز، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تېخىمۇ يىراق رايونلارغا قارىتىلغان كۆپ يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەرب بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزمەستىن، تاشقى مۇناسىۋەتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا تىرىشتى.
2005-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىشى تۈركىيەنىڭ غەربكە يۈزلىنىشىنى نامايان قىلدى. ئۇ مەزگىلدە ئەنقەرە قوشنىلىرى بىلەن بولغان جىددىيلىكلەرنى پەسەيتىش، ئافرىقاغا ئېچىۋېتىش، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئورگانلاشقان ئالاقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقاردى.
ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككىنچى ئون يىلىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب قوزغىلاڭلىرى، سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىق، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى جىددىيلىك، 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىلىڭى، غەربنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا جىددىيلىكى ۋە قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن قامال قاتارلىق بىر قاتار سىناقلارغا دۇچ كەلدى.
تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قەد كۆتۈرۈشى
تۈركىيە ناتو بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، پارس قولتۇقى، ئاسىيا ۋە ئافرىقا قاتارلىق باشقا كۈچ مەركەزلىرى بىلەنمۇ جانلىق ۋە ئەۋرىشىم مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇردى.
بۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە شارائىت ياراتتى.
تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى 2002-يىلى 2 پىرسەنت ئەتراپىدا بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە 80 پىرسەنتتىن ئاشقان ۋە داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى، برونېۋىكلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئىقتىدارى ئىقتىسادقا تۆھپە قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاكىستان، ئۇكرائىنا، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تاشقى سىياسەت قورالىغا ئايلاندى.
«بايراقتار» ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە بەشىنچى ئەۋلاد «KAAN» كۈرەشچى ئايروپىلانى خەلقئارا سەھنىدە دىققەت قوزغىدى. تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتى 2002-يىلدىكى 248 مىليون دوللاردىن 2025-يىلى 10 مىليارد 50 مىليون دوللارغا يەتتى.
مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئىلگىرىلەشلەر تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەقىل ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيە تېخنىكىلىق كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ساھەسىگە زور مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ.
تۈركىيە ئۆتكەن 20 يىلدا سومالى، قاتار، لىۋىيە، پاكىستان ۋە ئەزەربەيجاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار دۆلەتلەردە ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى.
تۈركىيە 7-ئاۋغۇست مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى بىردىنبىر يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت بولغان پاكىستان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇردى.
باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلۇشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىشتا يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تۈركىيە بالقان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەنمۇ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى.
تۈركىيە 2025-يىلى بالقان دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆتمۈشتىكى توقۇنۇشلارنىڭ قايتا پارتلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چېگرا بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە بالقان تىنچلىق سۇپىسىغا قاتناشتى.
ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسا، تۈركىيە 2021-يىلى تۈرك كېڭىشىنىڭ ئاساسىدا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئورگانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى - تىكا، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسى، تۈركىيە مائارىپ ۋەقپى، ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى - ئافاد، تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى ۋە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى قاتارلىق ئورگانلار ھەر خىل يوللار ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي باغلىنىشلىرىنى كېڭەيتىپ كەلدى.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، تۈركىيە 2024-يىلى تەخمىنەن 7 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق ئومۇمىي ئىككى تەرەپلىك تەرەققىيات ياردىمى بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ 6 مىليارد 100 مىليون دوللىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدىن تەشكىل تاپقان.
ھورمۇز بوغۇزىدىن ھالقىغان يېڭى باغلىنىشلار
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى، قۇرۇقلۇق يولى، تۆمۈريول ۋە تۇرۇبا لىنىيەسى تۈرلىرىدە كۆرۈلگىنىدەك، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق باشقا رايونلارغا تۇتىشىش ئېھتىياجىنى ئاشۇردى.
پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە ئىراق تۈركىيە ئارقىلىق غەربكە چىقىش يولىغا ئېرىشىشنى خالاۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە بۇ يېڭى ھەمكارلىق يۈزلىنىشىنى قارشى ئالماقتا.
يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى رايونلۇق ۋە دۇنياۋى كۈنتەرتىپكە تەسىر كۆرسىتىش مەقسىتىدە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىچىدە تېخىمۇ ئاكتىپلاشتى.
20 دۆلەت گۇرۇھى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، D-8 ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق سۇپىلاردىكى ئاكتىپ رولى، ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىنىڭ خەلقئارالىق مۇنبەرگە ئايلىنىشى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدىكى ۋاسىتىچىلىك تەشەببۇسلىرى بۇ يۈزلىنىشنىڭ مىساللىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى.
خۇلاسىلىگەندە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ چارەك ئەسىرلىك ھاكىمىيىتى جەريانىدا تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خەلقئارا تەسىرى؛ كۈچلۈك ئىقتىساد، مۇداپىئە سانائىتى، سودا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكلەر بىلەن قوللانغان ئاكتىپ دىپلوماتىيەنى «ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش» ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا باغلاندى.
تۈركىيە بۈگۈن بالقاندىن ئافرىقاغىچە، قارا دېڭىزدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرققە قەدەر كەڭ جۇغراپىيەدە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر كۈچتۇر.
ئۆتكەن 25 يىلدا توپلانغان ئورگانلىق تەجرىبە، كەڭ دىپلوماتىك تور ۋە تېخنىكىلىق ئىقتىدارنىڭ تۈركىيەنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ دۇنياۋى رول ئويناشقا تەييارلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

















