ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردىن بۇرۇنقى بىر ۋاقىتتا ئىرانغا قىلىنىدىغان «قىسقا ۋە شىددەتلىك بىر ھۇجۇم دولقۇنى» غا تەييار تۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكا MS Now قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 3 ئەمەلدار، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئېھتىماللىقى بولغان بىر جىددىيچىلىككە ئالاقىدار دەۋالارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئەمەلدارلار، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قولتۇق دۆلەتلىرىگە بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى، نويابىرنىڭ بېشىدا ئىرانغا قىلىنىدىغان «قىسقا ۋە شىددەتلىك بىر ھۇجۇم دولقۇنى» غا تەييار تۇرىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمەلدارلار يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكىدا 3-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋام پالاتا ئارىلىق سايلىمىدىن بىر كۈن كېيىنلا يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يەنە بىر ئەمەلدار بولسا قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى بازىلاردىن ھۇجۇم قوزغىشىغا قارشى چىقىشىنىڭ «ئېھتىمالغا يېقىن» ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.
ئاممىغا بايانات بېرىش ھوقۇقى بولمىغان بىر ئاقساراي ئەمەلدارى بولسا بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار: «مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان سەزگۈر ھەربىي پىلانلار توغرىسىدا باھا بەرمەيمىز. پىرېزىدېنت تىرامپ ئىراننىڭ ھەرگىزمۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى ئۈچۈن بارلىق تاللاشلارنى ئۈستەلدە تۇتۇپ تۇرماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتىمۇ ئامېرىكانىڭ قولتۇق دۆلەتلىرىنى ئىلگىرى ئىران بىلەن بولىدىغان ھەربىي جىددىيچىلىككە قارشى تەييار تۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.



























