تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە رايون خاراكتېرلىك باغلىنىش ساھەلىرىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەمكارلىقلارغا ئالاقىدار ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
دۇران ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئەسىرلەر بويى قىتئەلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ كەلگەن سودا يوللىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ قەدىمىي زېمىنلارنىڭ، بۈگۈنمۇ رايون خاراكتېرلىك باغلىنىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ كۈچلۈك ئاكتىيورى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە رايون خاراكتېرلىك باغلىنىش ساھەلىرىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەمكارلىقنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە دىپلوماتىيە چۈشەنچىسىنىڭ كونكرېت ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن دۇران، تۆۋەندىكىلەرنى قەيت قىلدى:
«ئۆتمۈشتە مەدەنىيەتلەرنى ئۇچراشتۇرغان يوللار، بۈگۈن يېڭى قاتناش كارىدورلىرى ئارقىلىق سودا، تەرەققىيات ۋە پاراۋانلىقنى كەلگۈسىگە يەتكۈزمەكتە. رايون خاراكتېرلىك كىرىزىسلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى ئېھتىياجلارغا ئاساسەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان باشقا قاتناش لىنىيەلىرى؛ پەقەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىلا ئەمەس، بەلكى رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىقنى ۋە ئىقتىسادىي سىجىللىقنىمۇ كۈچەيتىدۇ. تۈركىيە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق تەرەققىيات ئاساسىدا رايون خاراكتېرلىك باغلىنىشنى كۈچەيتىشنى ۋە يېڭى پۇرسەت دەرۋازىلىرىنى ئېچىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»




















