سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ
كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگېز ئامېرىكانىڭ كۇباغا ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى ئىپادىلەپ، كۇباغا قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق بىر ھەربىي ھۇجۇمنىڭ ئىنسانىي بىر پاجىئەگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ
كۇبانىڭ پايتەختى گاۋانادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدىكى كۇبا ۋە ئامېرىكا بايراقلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. (ئارخىپ) / Reuters

برۇنو رودرىگېز باش ئىشتابى ئامېرىكادىكى X شىركىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا تارقاتقان يازمىسىدا، ئارال دۆلىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللارغا دىققەت تارتتى.

كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «ئامېرىكانىڭ كۇباغا قارىتىدىغان ھەرقانداق بىر ھەربىي ھۇجۇمى، ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئىنسانىي پاجىئەگە ۋە قان كۆلىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ، پەقەت پەرزەنتلىرىنى ۋە يېقىنلىرىنى ئۇرۇشلارغا ئەۋەتمەيدىغان سىياسەتچىلەر قىمار ئوينايدىغان بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، بۇ يولدا ھەم كۇبا، ھەم ئامېرىكا پۇقرالىرى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ كۇباغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن رودرىگېز: «ئامېرىكاغا ئوخشاش بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچنىڭ، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى ياكى ھۆكۈمىتىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسى ئۈچۈن، ئۆزىگە ھېچقانداق تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغان كىچىك بىر ئارالغا ھەربىي ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ كىچىك بىر سەۋەب، ھەتتا ئەڭ كىچىك بىر باھانىسىمۇ يوق» دېدى.

ئامېرىكا پىرىزېدېنتى دونالد ترامپ ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كۇبا بىزدىن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ۋە بىزمۇ (ئۇلار بىلەن) سۆزلىشىمىز» دېگەنىدى.

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن «ئەركىن ھاۋانا»نى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، بىر نەچچە قېتىم «ئىراندىن كېيىن كۇبا مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى»نى ئېيتقانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئۇكرائىنا: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ئىمبارگو پىلانىنى ئىجرا قىلارمۇ؟
تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىدى
خانتا ۋىرۇسى كۆرۈلگەن يولۇچىلار پاراخوتىدىكى ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبىتىدىكى بېكىنمە ھالەت: ئىككى تەرەپ تەڭ «ياق» دېدى
ئامېرىكا بىلەن ئىران تىنچلىق تەكلىپىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
پاكىستاندا بومبا ھۇجۇمى ۋە توقۇنۇشلاردا 12 ساقچى ئۆلدى
ئىسرائىلىيە ئىراقتا مەخپىي بازا قۇردى ۋە ئۇنى بايقىغان ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئانىلار بايرىمى» تەبرىكلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: «تۈركىيە ئورۇن ئالمىغان بىر ياۋروپا قۇرۇلمىسى چالا قالغان بولىدۇ»
مۇجتەبا خامەنېي ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پەردە ئارقىسىدىن باشقۇرماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەل ناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى