دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «SDG» نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى مۇھىم ئىلگىرىلەش
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «SDG» نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى مۇھىم ئىلگىرىلەشدۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (SDG) نىڭ تارقىتىۋېتىلىپ سۈرىيە دۆلەت ئورگانلىرىغا قوشۇلۇشىنىڭ، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «SDG» نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى مۇھىم ئىلگىرىلەش

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋە جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلىش ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلىق باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى زەكى ئاقتۈرك: «SDG نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى ۋە سۈرىيە دۆلەت ئورگانلىرىغا قوشۇلۇشى، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى ھەمدە <بىر دۆلەت، بىر ئارمىيە> چۈشەنچىسىنىڭ كۈچىيىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىلگىرىلەشتۇر» دېدى.

زەكى ئاقتۈرك ھەپتىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، SDG نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى ۋە سۈرىيە دۆلەت ئورگانلىرىغا قوشۇلۇشىغا دائىر ئۆزگىرىشلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ،  مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرىمىز سۈرىيەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي كەيپىياتنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىشى، مۇقىملىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بولۇپمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە قاراتقان قوللىشىنى، مەۋجۇت ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆزىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى دوختۇرخانا ئوت ئاپىتىدە 15 بوۋاق قازا قىلدى
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى جون رەتكىلىف تۇيۇقسىزلا موسكۋاغا باردى
نېفىت بايلىقى مول لىۋىيەدە يېقىلغۇ كىرىزىسى پارتلىدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن  بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 40 كىشى يارىلاندى
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
فىنلاندىيە باش مىنىستىرى رۇسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
شانلىئۇرفاغا قاراشلىق قاراخانتەپەدە 11 مىڭ يىللىق ھەيكەل تېپىلدى
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
101 ياشلىق ئايال زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ