ئۇكرائىنا ئالاھىدە ھەرىكەت كۈچلىرى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ يامالو-نېنېتس ئاپتونوم رايونىدىكى «نوۋى ئۇتېنگوي» ۋە «پۇروۋسكى» تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن 3 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىيمۇ مەزكۇر باياناتنى ھەمبەھىرلەپ: «بۇ مەرگەنلىك ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىقتىدار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشىغا ھەققانىي ۋە ئۇلار ھېس قىلالايدىغان شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز ناھايىتى مۇھىم. بۇ خىل ھەر بىر ھۇجۇم رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئۈچۈن زۆرۈر قارارلارنى كېچىكتۈرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ» دېدى.















