تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور، دوكتور بۇرھانەتتىن دۇران 36-نۆۋەتلىك ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا ئەنقەرە پالاستا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەنقەرەدىكى ئىتتىپاقداشلار» (Allies in Ankara) پىروگراممىسىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى.
مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى ۋە سېتا (SETA) ۋەقپىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە قاتناشقۇچىلارغا سالام يوللىغان دۇران، 2004-يىلىدىكى ئىستانبۇل باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىم ناتو رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇران 22 يىل ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىستانبۇل باشلىقلار يىغىنىنىڭ ناتونىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈندىكى سىناقلارنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە قىيىن ئىكەنلىكىگە دىققەتنى تارتتى.
ئىتتىپاقداشلارنىڭ نۆۋەتتە چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا قايتا باشلانغان رىقابەت، رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار، تېخنىكىلىق ئۆزگىرىش ۋە ئارىلاشما تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان دۇران سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«بۇ ئۆزگىرىشلەر ناتو ئەزالىرىنىڭ يېڭى تەھدىت تونۇشى ۋە يېڭى كوللېكتىپ ئالدىنقى نىشانلىرىنى قايتىدىن باھالىشىنى تەقەززا قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى ناتونىڭ تارىخىي مۇساپىسىدىكى يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەر ئىتتىپاقنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ قىيىن ۋە تېخىمۇ جىددىي بولغان مۇنداق بىر سوئالنى سورىشى كېرەك بولغان جاي: تەھدىتلەر ئەمدى پەقەت بىرلا يۆنىلىشتىن، بىرلا شەكىلدە ياكى بىرلا ۋاسىتە بىلەن كەلمەيدىغان بىر دۇنيادا، كوللېكتىپ مۇداپىئەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ جەھەتتىن نېمىلەر كېرەك؟ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش، ئۇرۇشنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان خۇسۇسىيىتىنى ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك ھەم مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى.
ئوتتۇرا شەرق تەۋەلىكىدىكى مۇقىمسىزلىق بىخەتەرلىك خەۋپى ياراتماقتا
ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشمۇ بىزگە ئېنېرگىيە ئېقىمى ۋە دېڭىز يوللىرىنىڭ ياۋرو-ئاتلانتىك بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسلەتتى. ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇقىمسىزلىق پەقەت رايون خاراكتېرلىك بىر مەسىلىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك خەۋپى ياراتماقتا. ناتونىڭ 360 دەرىجىلىك بىخەتەرلىك قارىشىغا ئاساسەن، ئىتتىپاق ئەمدى شەرق ۋە جەنۇب قاناتلىرىنى ئايرىم تېمىلار سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.
ھورمۇز بوغۇزى، پارس قولتۇقى، سۈرىيە، ئىراق، شەرقىي ئاقدېڭىز، شىمالىي ئافرىقا ۋە ساھېل رايونى ئوخشاش بىر بىخەتەرلىك تەڭلىمىسىنىڭ پارچىلىرىدۇر. بۇ ئەھۋال بىخەتەرلىك ئۇقۇمى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بىخەتەرلىكنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قانداق قوغدىلىدىغانلىقى ۋە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قانداق قۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىشقا مەجبۇرمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزچىل سىياسىي قوراللار بىلەن ھەربىي ۋە ھەربىي بولمىغان ۋاسىتىلەرنىڭ قانداق بىرلىكتە ئىشلىيەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق بىر چۈشەنچىگە ئېھتىياجىمىز بار. دەل مۇشۇ نۇقتىدا مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئورتاقلىشىش ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
مۇداپىئە چىقىملىرىلا ئۆز ئالدىغا يېتەرلىك ئەمەس
مۇداپىئە چىقىملىرى قىممەتلىك بىر سىياسىي ۋەدە، لېكىن پەقەت چىقىم قىلىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس. ئەڭ مۇھىم بولغىنى؛ سۈنئىي ئەقىل مەنبەلىك كونترول قىلىش، تور ھۇجۇملىرى، يالغان ئۇچۇر ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى قاتارلىق تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان كۆپ قاتلاملىق بىر مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى يارىتىش بىلەن بىرگە، يەنە ھەقىقىي بىر ھەربىي ئىقتىدارغىمۇ مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاق ئىچىدىكى رولى دەل مۇشۇ چۈشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، مېنىڭچە بۇ «ناتو 3.0» نىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىدۇر.
تۈركىيە 1952-يىلىدىن بۇيان ناتو ئىتتىپاقىنىڭ مۇقىم ۋە قەتئىي بىر ئەزاسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. شۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە ئىتتىپاقنىڭ كوللېكتىپ مۇداپىئەسىگە، توسۇش كۈچىگە ۋە قوماندانلىق قۇرۇلمىسىغا تۆھپە قوشتۇق. كېلەر يىلى ناتو ئەزالىقىمىزنىڭ 75 يىللىق پائالىيىتىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇ مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ رولى ئىستراتېگىيەلىك ئۆزلۈك ھوقۇقى، ھەرىكەت تەجرىبىسى ۋە ياۋرو-ئاتلانتىك بىخەتەرلىكىگە قوشقان ئالاھىدە تۆھپىلىرى ئارقىلىق باھالىنىشى كېرەك.
تۈركىيە ناتونىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ئارمىيەسىگە ئىگە. ئافغانىستاندىن كوسوۋوغا، بوسنىيەدىن ئىراققىچە تۈركىيە؛ كىرىزىس باشقۇرۇش، تىنچلىقنى قوللاش، تەربىيەلەش ۋە توقۇنۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش جەريانلىرىغا ئىزچىل تۆھپە قوشۇپ كەلدى. ناتونىڭ ئەڭ چوڭ مانېۋىرلىرىدىن بىرى بولغان «ستېدفاست دارت 2026» غا تەخمىنەن 2000 خادىم ۋە ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك-مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قورال-ياراقلىرى بىلەن قاتنىشىشىمىز، تۈركىيە ئىقتىدارىنىڭ ئۆز جۇغراپىيەسىدىن خېلىلا يىراقلاردا ھەرىكەت قىلىش، بىرلىكتە ئىشلەش ۋە ئۈنۈم يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
تۈركىيە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ
تۈركىيە ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق ساقلاپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە ھەم ئىران ھەم ئامېرىكا بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقە قىلالايدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يېقىن ۋە سەمىمىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە؛ بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر دىپلوماتىيەلىك پۇرسەتتۇر. تۈركىيە ئادەتتە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك دەپ تەرىپلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈن بىز دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن كىرىزىسلاردا تۈركىيە، دىپلوماتىيەلىك تەسىر كۈچى ۋە جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىشكە تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارى سايىسىدا شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئەمەس، بەلكى غەرب بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئورۇن ئالماقتا.
ئاخىرقى 20 يىل جەريانىدا جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيە دۆلەتلىك بىر مۇداپىئە قۇرۇلمىسى ئېكولوگىيەسىنى ياراتتى. ناتو باش كاتىپى ھۆرمەتلىك رۇتتېنىڭ يېقىنقى زىيارىتىدە بۇ سىستېمىنى «مۇداپىئە سانائىتى ئىنقىلابى» دەپ تەرىپلىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۈگۈن تۈركىيە ناتوغا؛ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆزىنى ئىسپاتلىغان سىستېمىلارنى، ھاۋا مۇداپىئەسى، سۈنئىي ئەقىل قوللايدىغان ئىقتىدارلارنى، ئىنژېنېرلىق كۈچىنى ۋە يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىرلىكتە سۇنماقتا.
مۇداپىئە سانائىتىدىكى يەرلىك ۋە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىمىز يۈزدە 82 گە يەتتى
رەقەملەرگە قارىغىنىمىزدا، تۈركىيە مۇداپىئە چىقىمىنى يۈزدە 2 لىك چەكتىن ئاشۇردى. مۇداپىئە خامچوتى 2021-يىلىدىكى 13 مىليارد دوللاردىن، 2025-يىلى تەخمىنەن 33 مىليارد دوللارغا چىقتى. مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتىمىز 10 مىليارد دوللارلىق چەكتىن ئاشقان بولسا، مۇداپىئە سانائىتىدىكى يەرلىك ۋە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىمىز يۈزدە 82 گە يەتتى. لېكىن ئەسلى مەسىلە پەقەت بۇ رەقەملىك مەلۇماتلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ھەقىقىي قىممەت، مۇداپىئە سانائىتىدە «تۆت ئۆلچەملىك چوڭقۇرلۇق» دەپ ئاتاشقا بولىدىغان ئامىللاردا ياتىدۇ، ئۇلار: سۈپەت، مىقدار، ئۇرۇشتا ئىسپاتلانغان ئۈنۈم ۋە سىجىللىقتۇر.
يۇقىرى سۈپەتلىك سىستېمىلار ئەگەر يۇقىرى كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلمىسا، يالغۇز ئۆزى يېتەرلىك بولمايدۇ. يېقىنقى ئۇرۇشلار بىزگە شۇنى ئۆگەتتىكى؛ سىجىل ۋە چىداملىق ئىشلەپچىقىرىشتىن مەھرۇم قالغاندا، كۈچلۈك ئارمىيەلەرمۇ ئىستراتېگىيەلىك پالەچلىككە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئىتتىپاقداشلارنىڭ كوللېكتىپ توسۇش كۈچى ئۈچۈن بىۋاسىتە قىممەت يارىتىدىغان بىر بايلىققا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە ھۇجۇملار پەقەت ھەربىي ئەسلىھەلەرنىلا نىشان قىلمايدۇ؛ جەمئىيەت پىكىرى، ئالاقە تورى، مالىيە سىستېمىلىرى ۋە ئىجتىمائىي روھىي ھالەتمۇ نىشان قىلىنىشى مۇمكىن.
تور ھۇجۇملىرى، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق يېتەكلەش ئەمدى بىر ئالاھىدە ئەھۋال بولۇشتىن قالدى؛ بۇلار ھازىر ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنىڭ نورمال خىزمەت مۇھىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن توسۇش كۈچى تولۇق بىر چىدامچانلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. جەمئىيەت ئېڭى سىستېمىلىق كونترول قىلىشقا قارشى قوغدىلىشى لازىم. تۈركىيە بۇ ساھەدە بىۋاسىتە تەجرىبىگە ئىگە. يالغان ئۇچۇر، تور تەھدىتلىرى، كۆچنى ۋاسىتە قىلىۋېلىش ۋە تېررورلۇق بىز ئۈچۈن نەزەرىيەۋى خەۋپ ئەمەس؛ بىز بۇلارغا دۇچ كەلدۇق ۋە بۇلارغا قارىتا ئورگان خاراكتېرلىك ئىقتىدار يېتىلدۈردۇق. پاكىت ئېنىقلاش مېخانىزملىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە خەلق ئاممىۋى دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق تۈركىيە؛ ئۇچۇر پۈتۈنلۈكىگە دۆلەتلىك ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىكنىڭ ئاساسىي ئامىلى سۈپىتىدە قارىماقتا. تور بىخەتەرلىكى، سۈنئىي ئەقىل ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى قوغداش قاتارلىق تېمىلار ئەمدى ناتو ئۈچۈن قوشۇمچە تېمىلار بولۇپ قالماسلىقى، بەلكى ئىتتىپاقنىڭ مۇداپىئە قائىدىلىرىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.
ناتونىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىك پىكىرلەر سىناق قىلىنىدىغان، تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ۋە سىياسەتكە ئايلاندۇرۇلىدىغان مۇشۇنداق پىكىر سۇپىلىرىدا شەكىللىنىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن «ئەنقەرەدىكى ئىتتىپاقداشلار» پىروگراممىسى ئادەتتىكى بىر مۇنازىرە ئەمەس؛ بۇ پىروگرامما يېڭى بىخەتەرلىك كۈنتەرتىپىنىڭ مۇرەككەپلىكىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئويلار بىلەن، ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ناتونىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن ئەمەلىي قىلغانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئازايتىشقا ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەنقەرەدىكى مۇزاكىرىلىرىمىزنىڭ ھەم ئۈنۈملۈك ھەم ئىستىقباللىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا، سېتاغا ۋە بارلىق قىممەتلىك قاتناشقۇچىلىرىمىزغا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە پىروگراممىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.»











