غەززەدىكى پۇقراۋى مۇداپىئە باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ، غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئۆمەرىيە چوڭ جامەسىنىڭ كەينىدە سۇ توشۇۋاتقان بىر ئائىلىدىن بولغان ئىككى بالىنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 1 بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، يەنە بىر بالىنىڭ بولسا يارىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
تەۋسىيە
غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا بۈگۈنگە قەدەر 1059 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 مىڭ 429 كىشى يارىلانغان.



















