ئىران ئارمىيەسى قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال ئەمىر ھاتەمى، سابىق دىنىي رەھبەر خامەنېينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھاتەمى ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، خامەنېي ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى.
ھاتەمى: «بۇ شېھىتلىك شۈبھىسىزكى بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىران خەلقىنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان قاتىل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە شۇنى بىلىشى كېرەككى، شېھىت ئىمامىمىز (خامەنېي) ۋە بارلىق شېھىتلىرىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىمىز» دېدى.
ئىراننىڭ سابىق دىنىي رەھبىرى خامەنېي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا باشلىغان ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
خامەنېي ئۈچۈن بۈگۈن پايتەخت تېھراندا رەسمىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە. تەخمىنەن بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان مۇراسىملاردىن كېيىن خامەنېي، 9-ئىيۇل كۈنى مەشھەدتە دەپنە قىلىنىدۇ.

















