خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ موسكۋا بولسا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / َAA

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختىگە يېرىم كېچىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار چۈشتى، ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلدى، كەم دېگەندە بەش كىشى يارىلاندى. رۇسىيە بولسا ھۇجۇمنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى ۋە پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇكرائىنا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ كىيېۋدا يېرىم كېچىدە پايتەخت  كىيېۋدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە بىر بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى نۇرغۇنلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىن، كىيېۋدىكى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) مۇخبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان.

پايتەخت ئاسمىنىدا بىر يۈرۈش يورۇق نۇرلار كۆرۈلگەن ۋە ئارقا-ئارقىدىن پارتلاشلار يۈز بەرگەن. شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو پەيشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا: «دۈشمەن ھۇجۇمى نەتىجىسىدە كىيېۋدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ھەمدە سۋىئاتوشىنسكىي ۋە دارنىتسكىي ناھىيەلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شەھەر باشلىقى كلىچكو بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىر ئىسكىلاتنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ۋە «باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارچىلىرىنىڭ ئولتۇراق رايون بولمىغان بىنالارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنلىكىنى»، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاساسلىق شەھەر بولغان خاركىۋنىڭمۇ ھەربىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھۇجۇم ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېننىڭ مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن بىرنەچچە سائەت كېيىن يۈز بەردى.

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى