سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز
خاتەمۇل ئەنبىيا باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى زۈلفىقارى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان تەقدىردە، رايوندىكى ئۇل ئەسلىھەلەردىن ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز

ئىران قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل تارمىقى بولغان خاتەمۇل ئەنبىيا باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم زۈلفىقارى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ «يول قويغىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىقى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زۈلفىقارى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۇجۇملار ئارقىلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە داۋاملىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايون سىرتىدىكى بىر دۆلەت بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ ئىراننىڭ «يول قويغىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىقى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

زۈلفىقارى يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان تەقدىردە، رايوندىكى بارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلىدىغانلىقلىرى ۋە ئۇلاردىن ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايدىغانلىقلىرى توغرىسىدا تەھدىت سالغان.

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى