لىتۋانىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە بايقالغان نامەلۇم بىر سىگنال سەۋەبىدىن ناتو ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جىددىي قوزغالغان بولسىمۇ، كېيىنچە رادارغا كۆرۈنگەن نەرسىنىڭ بىر توپ قۇش ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
لىتۋانىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن ئېھتىماللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەھدىتى سەۋەبىدىن ناتو ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى، ئەمما رادارلار تەرىپىدىن بايقالغان جىسىمنىڭ قۇشلار توپى ئىكەنلىكى پاش بولدى.
لىتۋانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لىتۋانىيە دۆلەتلىك كىرىزىس باشقۇرۇش مەركىزى (NKVC) تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى 12:56 دە دۆلەت ھاۋا تەۋەلىكىدە ئېنىق بولمىغان بىر جىسىمغا ئائىت سىگنال ئېلىنغانلىقىنى، پايتەخت ۋىلنيۇس ۋە ئەتراپىدا ھاۋا تەھدىتىگە قارىتا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. رادار خاتىرىلىرىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى دەپ پەرەز قىلىنغان جىسىمنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ناتو ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوزغالدى.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، راداردىكى جىسىمنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئەمەس، بەلكى بىر توپ قۇش ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. لىتۋانىيە دۆلەتلىك كىرىزىس باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپكى رادار كۆرۈنۈشلىرىدە قۇشلار توپى بىلەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ قالدۇرىدىغان ئىزلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشقان جىددىي ھالەت بىكار قىلىندى ۋە ۋاقىتلىق تاقالغان ۋىلنيۇس ئايرودۇرۇمىدىكى ئۇچۇشلار قايتىدىن باشلاندى.























