فىلىپپىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى مانىلادىن غەربتىكى پالاۋان ئۆلكىسىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا ئوت كەتكەن ۋە كۆيۈپ كەتكەن يولۇچىلار پاراخوتىغا كىردى. ئوت ئاپىتىدە بەش كىشى قازا قىلىپ، 80 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتتى.
چارشەنبە كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، قويۇق ئىس-تۈتەك ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن پاراخوت ئىچىگە كىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بىر كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، جۈمە كۈنى پاراخوتقا كىرەلىدى.
فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى يولۇچىلار تىزىملىكىدە ئىسمى بار ئىككى كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە پاراخوتقا چىقمىغانلىقىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، يوقاپ كەتكەنلەر سانىنى 86 دىن 84 كە تۈزەتتى. ھازىرغىچە جەمئىي 43 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى. يولۇچىلار تىزىملىكىدە پاراخوتتا 117 يولۇچى ۋە 17 خىزمەتچىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان.
ھاۋادىن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى ئوتتا قارىداپ كەتكەن پاراخوت ئۈستىدە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چارلاپ يۈرگەنلىكى كۆرۈلدى. پاراخوتنىڭ بەزى جايلىرىدىن يەنىلا سۇس ئىس كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئالدىنقى كۈنلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئازايغان. پاراخوتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بايقالدى.
يوقاپ كەتكەن يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پاراخوت شىركىتىدىن جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىن، ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن پاراخوت ئىگىسى بولغان «Atienza Inter-Island Ferries» شىركىتىنىڭ مانىلادىكى ئىشخانىسى ئالدىغا يىغىلدى.
64 ياشلىق ئېۋېلىن ئۇمپاد پالاۋاندىكى تايتايغا يەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارغان ئوغلى ۋە كېلىنىدىن خەۋەر كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قايتا-قايتا تېلېفون قىلساقمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. نومۇرىمىزنى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىزگە قايتا ئۇچۇر بەرمىدى. شۇڭا ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىز بۇ يەرگە كەلدۇق. دائىرىلەردىن بىزگە تېز سۈرئەتتە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
پاراخوت شىركىتى ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس
دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى رايونغا بەش پاراخوت ۋە غەۋۋاسلارنى ئەۋەتتى. چارشەنبە كۈنى كېچىدە باشلانغان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئارمىيەنىڭ كېمىلىرى، بېلىقچىلار ۋە ئەتراپتىكى دەم ئېلىش ئورۇنلىرىنىڭ خۇسۇسىي قېيىقلىرىمۇ ھەسسە قوشماقتا. دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى، ئادمىرال نوئېمى كايابياب نەق مەيدانغا تېخىمۇ چوڭ قۇتقۇزۇش پاراخوتى ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوت كېتىشنىڭ تۈپ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىدى. ئوت ئاپىتى باشلانغان ۋاقىتتا، پاراخوت پالاۋاننىڭ شىمالىدىكى داڭلىق ساياھەت مەركىزى كورونغا قاراپ داۋاملاشقان 20 سائەتتىن ئارتۇق مۇساپىنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا يېقىنلاشقان ئىدى.
دېڭىزچىلىق سانائىتى ئىدارىسى ۋەقەدىن ئامان قالغانلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن، ئوت چىقىشتىن ئىلگىرى پاراخوت ئىچىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 330 يولۇچى سىغىدىغان بۇ پاراخوتقا بەش موتوسىكلىت، بىر توكلۇق ئاپتوموبىل، بىر يۈك كۆتۈرگۈچ ۋە بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى قاچىلانغان.
7 مىڭ 600 دىن ئارتۇق ئارالدىن تەركىب تاپقان فىلىپپىندا پاراخوت ئەڭ ئاساسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مىليونلىغان پۇقرا ئۆلكىلەر ئارا سەپەرلىرىدە پاراخوت قاتنىشىغا تايىنىدۇ. فىلىپپىن دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىدە ناچار خاتىرىگە ئىگە بولۇپ، ئىلگىرى يۈز بەرگەن پاراخوت پاجىئەلىرى ئاساسلىقى نورمىدىن ئارتۇق ئادەم قاچىلاش، ناچار ھاۋا شارائىتى ۋە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىنىڭ يېتەرلىك ئىجرا قىلىنماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققانىدى.



















