تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندىتۈركىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى مىنىستىرى ۋەدات ئىشىجخان رىمدا ئىتالىيەلىك كەسپدىشى مارىنا ئېلۋىرا كالدېرونې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەمگەك ھاياتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش پىلانىغا ئىمزا قويدى.
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى مىنىستىرى ۋەدات ئىشىقخان، تۈرلۈك زىيارەتلەردە بولۇش ئۈچۈن بارغان ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا، ئىتالىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى مارىنا ئېلۋىرا كالدېرونې بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك ھاياتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىلىرى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىندى.

مىنىستىر ئىشىقخان، تۈركىيەنىڭ ناتو ئىتتىپاقدىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ئىتالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىجابىي داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق دىيالوگ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە مۇھىم تۆھپە قوشماقتا. ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 40 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىلگىرىلەشتۇر. بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى باشلىق تۈرلۈك ساھەلەردىكى شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىقتىسادىي ئالاقىمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.»

ئىشىقخان يەنە، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ سىجىللىقى مەسىلىلىرىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئىتالىيەدىكى تۈرك جەمئىيىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئىتالىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەمگەك ھاياتىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى مىنىستىر ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسىگە ئىمزا قويدى.

مىنىستىر ۋەدات ئىشىقخان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە-ئىتالىيە مۇناسىۋەتلىرىگە تۆھپە قوشىدىغان بۇ كېلىشىم ۋە ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە قۇرۇلىدىغان ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك دىيالوگىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئەمگەك ساھەسىدە ئۇچۇر ھەم تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پۇقرالىرىمىزنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى