رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى لۇت: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى لۇت: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇرۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئوكسانا لۇت تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا سوممىسىنىڭ ئالدىنقى يىلى تەخمىنەن 6 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى لۇت: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ

رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئوكسانا لۇت پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «2-نۆۋەتلىك خەلقئارا مال دوختۇرلۇق بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

لۇت ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتىپ: «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. بىز تۈركىيەگە ئاساسلىقى ئاشلىق، مايلىق زىرائەت ۋە ياغ مەھسۇلاتلىرىنى ئەۋەتىمىز. تۈركىيەدىن بولسا ئاساسلىقى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات سېتىۋالىمىز» دېدى.

تۈركىيەلىك شېرىكلىرىنى «رۇسىيەنىڭ مۇقىم شېرىكلىرى» دەپ تەرىپلىگەن لۇت يەنە: «(ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇش سەۋەبلىك) نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيەتنىڭ خىزمىتىمىزگە، سودىمىزغا ۋە ئەلۋەتتە دوستلۇقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا توسالغۇ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق سىنجاردا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تولۇق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى
مىنىستىر ئاراقچى ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرىنى «قوش ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز
ئابباس ئاراقچى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ياپونىيەدىكى «دۇجۇئان» تەيفېڭ بورىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار  سانى 9 غا يەتتى
يەمەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەئىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنى قولغا كىرگۈزدى
جەنۇبىي كورېيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەگە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇندى
ئەردوغان ب د ت 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزىدىن كېيىن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت دا قىلغان نۇتقى دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
ئەردوغان: پەلەستىن دۆلىتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ
ترامپ: غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ
مىللىي بوكسچى خەتىجە ئاقباش ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
فىرانسىيە ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ