يەمەندە ھۆكۈمەت كۈچلىرى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى تەئىز ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەششەمايەتەين ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىستراتېگىيەلىك كىرفان تېغىنى ھۇسىيلاردىن قايتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەمەن قوراللىق كۈچلىرى ئاخبارات مەركىزىنىڭ بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، تائىز فىرونتى ئىستراتېگىيەلىك قىسىملار قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال ئابدۇلئەزىز ئەلمەجىدى ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ كىرفان تېغىدا تولۇق كونتروللۇقنى ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەجىدى بەنى ئۆمەر رايونىدىكى «خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى» نىڭمۇ قوللىشىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ھۇسىيلار بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن تاغنىڭ كونتروللۇقىنىڭ قولغا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
توقۇنۇشلاردا ھۇسىيلاردىن بەشتىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، تەخمىنەن 20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىپادىلىگەن مەجىدى، ھۇسىيلارنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمەت ئىستىھكاملىرىنى مىناميوتلار بىلەن بومبارىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتكەن.
بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھۇسىيلار تەرەپتىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
كىرفان تېغى ئەششەمايەتەين بىلەن ئەلۋازىئىييە ناھىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «جەرداد-بەنى ئۆمەر» سېپى تاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مەزكۇر چوققىنىڭ كونترول قىلىنىشى ھۆكۈمەت كۈچلىرىنى رايوننى كۆزىتىشى، ئوق چىقىرىش ئارىلىقى ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىدا مۇھىم ئۈستۈنلۈك بىلەن تەمىنلەيدۇ.





















