تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت دا قىلغان نۇتقى دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتقى رەقەملىك تاراتقۇلاردا كەڭ ئىنكاس قوزغىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت دا قىلغان نۇتقى دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى نۇتقى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ئىلگىرىكى يىللاردا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قىلغان نۇتۇقلىرىغا ئوخشاش، بۇ يىلقى نۇتقىدىمۇ دۇنياۋى ئادالەتسىزلىككە دىققەتنى تارتىپ، تېخىمۇ ئادىل تەرتىپ ئورنىتىشقا چاقىردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى 16-قېتىملىق نۇتقى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىمۇ كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىدى. ئابونتلار نۇتۇق ھەققىدىكى يازمىلىرىدا  «Adaletin Sesi Erdoğan»، «#ErdoganTheVoiceOfJustice» ۋە «Dünya Beşten Büyüktür» خەتكۈچلىرىنى ئىشلەتتى.

بۇ خەتكۈچلەر بىلەن يۈزمىڭلىغان يازما ھەمبەھرىلەندى؛ يازمىلارنىڭ ئومۇمىي كۆرۈلۈش قېتىم سانى مىلياردلارغا يەتتى.

«Adaletin Sesi Erdoğan»، «#ErdoganTheVoiceOfJustice» ۋە «Dünya Beşten Büyüktür»  خەتكۈچلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نۇتقىدا ئورۇن بەرگەن مۇھىم ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونتلىرىنىڭ يازمىلىرىدا گەۋدىلىك ئورۇن ئالدى.

ئەردوغاننىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى نۇتقى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ئابونتلارنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىقمۇ رەقەملىك سۇپىلاردا دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى