تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ يەكشەنبە كۈنى راس تانۇرادا يۈز بەرگەن ۋەقەدە كېلىپ چىققان جانغا زامىن بولۇش ۋەقەسىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە نېفىت مەركىزىدە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ماگناتى ئارامكوغا تەۋە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان راس تانۇرادا چۈشۈپ كەتتى. دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
SPA سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىدىكى رەسمىي بىر مەنبەنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ۋىزارىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ماگناتى ئارامكوغا تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان، يەكشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ غەربىگە جايلاشقان راس تانۇرادا چۈشۈپ كەتكەن.
SPA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.






















