پاراشۇتچىلارنى ئولتۇرغان بىر پۇقراۋى ئايروپىلاننىڭ فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى تومبلائىن يېزىسى ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئايروپىلاندىكى 11 كىشىنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مورتې-ئې-موسېللې ۋالىيسى ئىۋېس سېگۇي، يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە بەش ئوقۇتقۇچى، بەش ئوقۇغۇچى ۋە ئۇچقۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سېگۇي ۋەقەدە ئايروپىلاندىكىلەردىن باشقا، خارابىلىك چۈشكەن رايوندىكى ھېچقانداق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيەدە تىزىمغا ئېلىنغان ئايروپىلان، فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى نانسى-ئېسسېي ئايرودۇرۇمى ئۇچۇش يولىنىڭ يېنىدىكى ئوتلاقتىكى بوشلۇققا چۈشۈپ كەتكەن.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىدى.
سەھىيە ۋە پىسخولوگىيەلىك ياردەم ئەترەتلىرىنىڭ، ئايرودۇرۇمدا تۇرۇۋاتقان قۇربانلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە ۋەقەگە شاھىت بولغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
نانسى جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش ياردەمچىسى ئامائۇرى لاكوت، ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ساقچىلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ رايونغا يېتىپ بارالىشى ئۈچۈن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە خەلقنى ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىن قەتئىي يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.
فىرانسىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى لاۋرېنت نۇنېزنىڭ چۈشتىن كېيىن ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى زىيارەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

















