ئۇشاكوف رۇسىيەنىڭ دۆلەتلىك «رۇسىيە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە توختالدى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتكە ياۋروپا ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتنىشىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇشاكوف: «بىزنىڭ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن خىزمەت قاتلىمىدا ئالاقىمىز بار. شۇڭا، دەسلەپكى بىر نەچچە نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇشاكوف سۆزىدە يەنە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىينىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن موسكۋادا كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق بىزگە ئۇچۇر يوللاۋاتىدۇ. ئەگەر كۆرۈشۈشنى راستلا شۇنچە خالايدىغان بولسا، مەرھەمەت، موسكۋاغا كەلسۇن» دېدى.
ئۇ ئاخىرىدا مۇخبىرنىڭ «ئەگەر زېلېنىسكىي تېلېفون قىلسا، پۇتىن جاۋاب بېرەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «مېنىڭچە، پۇتىن چوقۇم تېلېفونغا جاۋاب بېرىدۇ. چۈنكى پۇتىن كۆرۈشۈش پىكرىدىن ھېچقاچان ۋاز كەچكەن ئەمەس» دەپ كەسكىن جاۋاب قايتۇردى.























