ئەنئەنىۋى كومپيۇتېرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن بىر تەرەپ قىلغۇچ ئوتتۇرىسىدا توختىماي سانلىق مەلۇمات يوللىشى، بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى ئاستىلىتىپ، يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى.
يېڭى ئىجاد قىلىنغان ئۆزەك ھالقىلىق ھېسابلاشلارنى بىۋاسىتە سانلىق مەلۇماتلار ساقلانغان ئورۇندا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ساقلىغۇچ بىلەن بىر تەرەپ قىلغۇچ ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات يوللاش ئېھتىياجىنى يوقاتتى. بۇنىڭ بىلەن مېڭىنى مودېللاش جەريانلىرى تېخىمۇ تېز ۋە تۆۋەن ئېنېرگىيە بىلەن تاماملىنىدىغان بولدى.
تېببىي تېخنولوگىيەلەر ئۈچۈن يېڭى بىر دەۋر
سىناقلاردا مېڭىنى ئاق ۋە كۈلرەڭ ماددا چېگرالىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مودېللاشتۇرالىغان ئۆزەك؛ مۇرەككەپ مېڭە قاتلاملىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، سىلىق ۋە تىپوگرافىيەلىك جەھەتتىن ماس قەدەملىك 3 ئۆلچەملىك يۈز تورىنى شەكىللەندۈردى.
سۈنئىي ئەقىلنى مەركەز قىلغان مۇرەككەپ مودېللارنى مىللىسېكۇنت سەۋىيەسىگە چۈشۈرگەن بۇ تېخنىكىنىڭ؛ مېڭە-كومپيۇتېر كۆرۈنمە يۈزى، رەقەملىك مېڭە قوشكېزەكلىرى، ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى ماس قەدەملىك يول باشلاش سىستېمىسى بىلەن ئەلزھېيمېر ۋە پاركىنسون قاتارلىق نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىلىشى نىشان قىلىنماقتا.
خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي مىكرو سىستېما ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنستىتۇتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆزەككە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات، «Science» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.





















