ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون ئىشتاتىغا قاراشلىق سىئاتىل شەھىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك فېستىۋالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 5 كىشى يارىلاندى.
سىئاتىل ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى گريس نۇنېز سىئاتىلدىكى كۆزىتىش مۇنارى يېقىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېمەك-ئىچمەك فېستىۋالىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 18:00 ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۇنېز، 2 كىشىنىڭ نەخ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىرى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 5 يارىدارنىڭ Harborview تېببىي مەركىزىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاشۇرۇلدى
پاش قىلىش ئۇچۇرىدىن كېيىن رايونغا ئىنتايىن كۆپ ساندا ساقچى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلدى، پائالىيەت مەيدانىنىڭ ئەتراپى بوشىتىلدى.
گۇماندارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغان-ئېلىنمايدىغانلىقى ھازىرچە نەمەلۇم.
ۋاشىنگتون ئىشتاتى ۋالىيسى بوب فېرگۇسون ئىشتات چارلاش ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرىنىڭ يەرلىك ساقچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
فېرگۇسون: «دۇئالىرىم، قۇربان بولغۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن ۋە ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان مەسئۇللار بىلەندۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
تۇنجى قېتىم 1982-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك فېستىۋالىغا ھەر يىلى تەخمىنەن 350 مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى مەلۇم.





















