قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنىڭ «توڭلىتىلىشى» ۋە «مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولغان» «ئىستانبۇل فورمۇلاسى 2.0»گە قايتىش چاقىرىقىدا بولدى. كرېملىن بولسا كىيېۋنىڭ پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن بۇ تەكلىپنىڭ «ئىمكانسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
توقايېۋ: «بەلكىم بۇ توقۇنۇش توڭلىتىلىشى ۋە مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولغان 'ئىستانبۇل فورمۇلاسى 2.0'گە قايتىش كېرەك»
«ئاندىن تەبىئىي ھالدا رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئۇزۇندىن بىرى كۈتۈلگەن تىنچلىققا قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز» دېدى.
قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ: «بۇلارنىڭ ھەممىسى توختىتىلىشى كېرەك. چۈنكى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار، مېنىڭ قەتئىي قارىشىمچە ھەم رۇسىيەنىڭ ھەم ئۇكرائىنا دۆلىتىنىڭ رەقىبلىرىنىڭ پايدىسىغا ۋە ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان شەكىلدە ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.
كرېملىن بولسا قازاقىستان پىرېزىدېنتىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى «توڭلىتىش» تەكلپىنىڭ «ئىمكانسىز» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى TASS نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا كرېملىن باياناتچىسى دۆمىترىي پېسكوۋ: «ئۇرۇشنىڭ بۇ شەكىلدە توڭلىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن.
پېسكوۋ موسكۋانىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىدىن چېكىنىشى ۋە كىيېۋنىڭ ناتوغا كىرىش پىلانلىرىدىن ۋاز كېچىشى يۆنىلىشىدىكى تەلەپلىرىگە ئىشارەت قىلدى.
دۆمىترىي پېسكوۋ: «بىز ئۈچۈن ئاساسلىق بىر شەرت بار. نىشانلىرىمىزغا يېتىشىمىز كېرەك» دېدى.
























