سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى بولۇپ باقمىغان
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاقسارايدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ترامپ: خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى بولۇپ باقمىغان
دونالد ترامپ ئاق سارايدا جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەرىپىگە بەرگەن كەچلىك زىياپەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ترامپ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ياخشىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىككى دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى ئىككىمىز پەرقلىق تۈزۈملەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ ئەمما خەلقلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى رىشتە داۋاملاشماقتا. مۇناسىۋىتىمىز ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى بولۇپ باقمىغان» دېدى. ترامپنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىختىلاپلارغا قارىماي قىلغان بۇ سۆزلىرىگە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئىپادىسى دەپ باھا بېرىلدى.

كەينىدىن سۆزگە چىققان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن سەمىمىي ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ھەمدە نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ: «بۇ ئۇچرىشىش ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى ئاساس قىلغان خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يېڭىچە مەزمۇن قوشتى ۋە قوش تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى.

ئۇ ئالتە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزئارا ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي زىيارەتلەرنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىكى «تارىخىي خاراكتېرلىك» ئىلگىرىلەش دەپ ئاتىدى. شۇنداقلا، ئىككى دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ: «خەلقلىرىمىزنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇشىمىز، دەۋر ئېقىمىغا يېتىشىشىمىز ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشى ئۈچۈن يېڭىچە يۆنىلىش يارىتىشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق سىنجاردا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تولۇق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى
مىنىستىر ئاراقچى ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرىنى «قوش ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز
ئابباس ئاراقچى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ياپونىيەدىكى «دۇجۇئان» تەيفېڭ بورىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار  سانى 9 غا يەتتى
يەمەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەئىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنى قولغا كىرگۈزدى
جەنۇبىي كورېيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەگە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇندى
ئەردوغان ب د ت 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزىدىن كېيىن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت دا قىلغان نۇتقى دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
ئەردوغان: پەلەستىن دۆلىتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ
ترامپ: غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ
مىللىي بوكسچى خەتىجە ئاقباش ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
فىرانسىيە ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ