تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى
ئەنقەرە باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، ئەلىخان كۇرىش باشچىلىقىدىكى مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈش مەقىسىتىدە قۇرۇلغان بىر جىنايى گۇرۇھقا قارشى نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى
ئەنقەرە ئەدلىيە سارىيى

ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە، جىنايى گۇرۇھنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 گۇماندارنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى. ئەنقەرەنى مەركەز قىلىنغان بۇ ھەرىكەت 17 ۋىلايەتتە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، جەمئىي 123 ئادرېستا ئاختۇرۇش ۋە مۇسادىرە قىلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى. تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان ئورۇنلارنىڭ 43 ى بىۋاسىتە شەخسىي تۇرالغۇ، 80 ى بولسا 33 شىركەتكە تەۋە ئوخشىمىغان ئورۇنلاردۇر.

تەكشۈرۈشنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەسىلە ھېچقانداق ئىجتىمائىي ياكى دىنىي پائالىيەت ساھەسىگە چېتىشلىق ئەمەس. ئەكسىچە، تىلغا ئېلىنغان گۇرۇھنىڭ قاتلاملىق ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى نىشان قىلغان بىر جىنايى قۇرۇلما سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ياكى بارمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. گۇرۇھلاشقان مالىيە جىنايەتلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان بۇ دېلودا گۇماندارلار چىرىكلىك، پۇل يۇيۇش، يۇقىرى كاپىتاللىق شىركەتلەر ئارقىلىق نورمالسىز پۇل ئايلاندۇرۇش ۋە مىلياردلارچە لىرا قىممىتىدىكى سودا ھەجىمىدە قانۇنسىزلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى شىركەتلەرنىڭ كاپىتال قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇلار ئېلىپ بارغان پۇل يۆتكىلىشلىرى ئوتتۇرىسىدا بىنورمال مۇناسىۋەت بار دەپ قارالماقتا.

مالىيە جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى (MASAK) تەييارلىغان مالىيە ئانالىز دوكلاتىمۇ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. دېلودىكى دەۋالارغا قارىغاندا، جىنايى گۇرۇھقا چېتىشلىق دەپ قارالغان بىر قىسىم شەخس ۋە شىركەتلەر ئارقىلىق 100 مىليارد لىرادىن ئارتۇق پۇلنىڭ چەت ئەلگە چىقىرىلغانلىقىغا دائىر پاكىتلار تەكشۈرۈلمەكتە. بۇ پۇللارنىڭ جىنايەتتىن ئېرىشىلگەن كىرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مالىيە ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، چەت ئەلدىن كەلگەن پۇل ھەرىكەتلىرىمۇ كۆزىتىلىۋاتقان بولۇپ، پۇل ئايلىنىشىدا ئىسرائىلىيەگە چېتىشلىق ھەرىكەتلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.

جىنايەتتىن ئېرىشىلگەن دەپ قارالغان كىرىملەرنى ساقلاش ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاممىۋى زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى شىركەت ۋە مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش ۋە باشقا قوغداش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى. شىركەتلەر ۋە مۈلۈكلەر ئۈستىدىن قوللىنىلغان تەدبىرلەرنىڭ دائىرىسى مالىيە تەكشۈرۈشلىرى تاماملانغاندىن كېيىن تولۇق ئايدىڭلىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەكشۈرۈش دائىرىسىدە ھېچقانداق جەمئىيەت ياكى دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئورگانلارغا قارىتا بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بېرىلمىدى. نۆۋەتتە ئەنقەرەنى مەركەز قىلغان بۇ ھەرىكەت گۇماندارلارنى تۇتۇش ۋە مالىيە گۇۋاھلىقلىرىنى توپلاش يۆنىلىشىدە داۋاملاشماقتا. تەكشۈرۈشنىڭ دائىرىسى شىركەت خاتىرىلىرى، بانكا ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا ئەدلىيەلىك دەلىللەر تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
مەككە كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە - ش ق ت ج ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ
تۈركىيە: «نېتانياھۇنىڭ مەقسىتى رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر»
تۈركىيەنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناتونىڭ ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى
ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتۆ ئەزاسى قولغا ئېلىندى
مىنىستىر فىدان ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ھەييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
ئەھمەد شەرا ئەردوغاننىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى